بېلىق ۋە مەن - ئەلكۈن تورى

بېلىق ۋە مەن

Elkun_beliq_kara_dengizئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
ئاق بۇلۇتلار سەيلىگاھ جىلغا بېشىدا،
ئاقار دەريا شوخلۇق بىلەن، ياقىسىدا مەن.
قارا دېڭىز شامىلى كېلەر تاغلار ئارا،
مەن غەۋۋاس، بۈگۈن تامان بېلىق تۇتىمەن…

 

قىيسايغان قۇياش ئاتەشلىك تەپتى بىلەن،
قىيا تاشلار سۆيۈلمەكتە شاۋقۇن بىلەن.
خىيال چىگىش ھاياتنىڭ ھىممىتى بىلەن…
چۈشتى بېلىق تورغىمۇ، پەريادى بىلەن!

 

كاۋاپ ئوتى كۆيمەكتە يالقۇنى بىلەن،
بېلىقلار جان قايغۇسىدا ۋەھىم بىلەن.
ئېيتتىم دوستۇمغا بۇ ئاجايىپ قىسمەتنى-
”نېمە دەر بولسا بېلىق- ئۆز تىلى بىلەن؟!“

 

بىر توپ كېپىنەك ئۇچۇپ ئۆتتى قېشىمدىن-
يەنە بىر ھەرە غىڭشىپ قۇلاق تۈۋىمدىن.
مىسكىنسىز ھايات ئەسلى بولسا مۇھەببەت،
سۆيۇلسە تەبئەتمۇ ئالەمچە بىزدىن.

 

قويۇۋەتتىم ئەركىگە توردىكى بېلىقنى،
غايىب بولدى دەريادا تىزلا كۆزۈمدىن.
نىشانسىز كەزدىم دەريا ئېقىنىنى بويلاپ،
ئىزدىدىم تېپىشقا جاۋاپ ئۆز- ئۆزۈمدىن …

 

ئەركىنلىكنىڭ سەۋداسى ساددا بۇ كۆڭلۈم،
چۈمۈلىگە ھەر ۋاقىت ئايىغىم يول بېرەر.
چايكىلار پەرۋاز قىلىپ بېشىمدا ئۇچسا –
بېلىقلار يەم تالىشىپ ئېگىز سەكرىشەر.

 

كۆك ئاسمان ئاستىدا غۇر-غۇر مەيىن شامال-
سىلكىنىپ ئويغىنار چۈشىدىن يوپۇرماق.
ئاخشامنىڭ كەم قالغان تاتلىق ھەسرىتى…
ئەمما كۆيەر يۈرىكىم قۇياشتەك بىراق!

 

مىلادىيە 2014 – يىلى 14- سېنتەبىر. كاستامونۇ، تۇركىيە

 

* تۈركىيىنىڭ قارا دېڭىز بويلىرىدىكى كاستامونۇ (Kastamonu) تاش كۆۋرۈك ۋە يېزىلار (Taşköprü ve Köyleri)
بۆلىكىدىكى ئېگىز تاغلار بىلەن قاپلانغان دەريا بويلىرىدا يېزىلدى.

 

مەنبەلەر:

 http://bbs.bagdax.cn/thread-26606-1-1.html

http://www.azizisa.org/beliq_we_men



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !