ۋەتەن ۋىسالى
-
سەھىپە:Elkun she'irliri
باھا:0 دانە
12-03-2017
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
قەلبىمدە ھىجران مىڭ مەرتە ئۆلۇپ
مىڭ مەرتە قايتا تىرىلگەن
كەچ كۈزدىكى غېرىب باغچامدىن
دېڭىز سۇيىدە نەملىشىپ ـ
دات بېسىپ كەتكەن ئاھۇ ـ زارىمدىن
مەن ئاشىق ئالتۇن رەڭلىك ياپراقنى
ماڭا تەۋە ھەممىنى قوشۇپ ـ
كۈز «ھىجرا ئەمەسكەن!» دېدىم
سەھەردە تۆكۈلگەن شەبنەمگە باغلاپ ـ
ئۈچتۇم ئۇلاردىن گېلەم ياسساپ!
مەن توغلۇپ ئۆسكەن توپلۇق ماكان
سۈكۈتتە مۇڭلۇق ناخشا ئېيتىدۇ …
ئاتام سەكراتتا خىيالغا چۆمگەن …
ئاپامنىڭ كۆزىدە تەشۋىشلىك دۇنيا
مەن بىر چاغ كۈيلىگەن ئاق ۋە قارا قاغىلار ـ
ئانام قەبرىسىنى مەن يوقلىغاندا تۆنۈگۈن
بۇ دەملەرگە پەقەت ئۇلارلا گۇۋاھ!
شاھيارنىڭ بازىرى ئادەملەرگە لىق!
كەچمىشىم ئۇلار ئارسىدا تەمتىرەر يالغۇز
كاۋاپچى، تاڭگازچى، يەنە چەلپەكچىلەر كۆپ …
كىملىكىمگە ئاناملا چىن پۈتمىش تەنھا
قۇياش مۆككەن سەھرا ئېتىزى قىشتا غېرىب
گۇگۇمدە مەۋجۇتلۇقى دۇنياغا غۇۋا!
مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلىقى ئەزەلدىن سۆزسىز
مەدھىيىگە كەمىنە تىلى ئاجىز
شۇڭا باشىم ۋەتەنگە سەجدىگاھ ئېتىپ
ۋىسالدا چاڭقىپ زارىم تەڭرىگە كەتتى ….
ئاتامنى قولىدىن يوتلەپ مېڭىشنى ئۈگەتتىم
ئاپام سۇنغان بىر تاۋاق ئاشنى يىگەندە ـ
مەن ئەسلى بەخىتلىك ئىكەنمەن دېدىم
بالىلىقىم قايتىدىن ئېسىمگە يەتتى …
كۆزلىرىمگە سۇرتۇپ توپلۇق يولنى
مەن بۇ يەردە ماڭغان دېدىم ـ
سۇ كېچىپ ئوينىغان كىچىك ئېرىقتىن
ئاق ئۇستىخان ئوينىغان ئايدىڭ كېچىدىن
ئۆز ئورنىدا تېخىچە تۇرغان يورۇق يۇلتۇزدىن
ئۆز ـ ئۆزۈمگە مەن «بالا» دەپ پىچىرلىدىم.
ھىچكىم مەندىن تارتىۋالمىسۇن
توت كۈن كۆرۈۋالاي
ياشىۋالاي ھاۋاسىغا قېنىپ
تېنىقلىرىم بىلەن ئېلىپ كېتەي قايتىشىمدا
ھىجرانغا مەھكۈم يىراق ئارالغا ـ
شۇڭا يۈگۈرىدۇم پادىلار بىلەن تەڭ چېپىپ
چاڭ ـ تۇزانغا تازا مىلىنىپ.
مۇھەببەتنىڭ مېھىر ئالىمىدە ـ
ئۇيغۇرلۇقنىڭ چەكسىز غېمىدە ـ
ئاھ ۋەتەن سېنى ئارتۇق ئەزىزلىدىم …
شۇڭا ئوغلۇڭ ساڭا تازىم ئېتىدۇ
قۇچاقلاپ سېنى قول يەتكۈچە بۇ دەم ـ
تارىمدىكى قاتار توغراقنى
قەلب قېتىدىن تويماي سۆيۇپ ـ
سەنسىز ئۆتكەن شۇ كۈنلەر ئۈچۈن ـ
ئەلكۈن بۇ نەزمىنى يازىدۇ.
شاھيار، 2017 – يىلى 6- فېۋرال.