«ئۇيغۇرلار ياشىسۇن!»

“Urumchi_7_2009”

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى» پاجىئەسىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرلەيمەن. 

 

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى» قىرغىنچىلىقىدا بىغۇبار ھاياتى نابۇت قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ روھى شاد بولسۇن! ئامېن!

 

ياراتقۇچىمىز كەمىنىنى ئۆزىگە ئەڭ يېقىن قىلدى، مەيلى مەن قەيەردە بولاي، مېنى ھىچ بىر ۋاقىت خەلقىمنىڭ كۈلكىسى ۋە يىغىسىغا ھەمنەپەس بولۇشتىن ئايرىمىدى. 

 

مەن، ماڭا ئاتا قىلغان ھىممەت ۋە قىسمەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ تىرىك گۇۋاھچىسى» بولدۇم! ئاللاھىم، كەمىنىنى بۇ كۈنگە نېسىب قىلدىڭ، ئەڭ ئاۋال مېنى پاختىنى ئوتتىن ساقلىغاندەك ساقلىغان سەن ئىگەمگە مىڭ قەتىرە شۈكۈرلەر بولسۇن! 

 

بىز ئالدىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بېرتانىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقات ئىش تۈرى بويىچە 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى مەن ۋە ئايالىم ئىككى كىچىك قىزىمىزنى بىللە ئېلىپ بېيجىڭغا چۈشتۇق. ېيجىڭغا كېلىپ ئىككى كۈندىن كېيىن خەۋەر ۋە face book قا ئوخشاش تاراتقۇلاردىن خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى شاۋگۈئەن دېگەن شەھەردىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئۇيغۇر ئىشچىلار خىتاينىڭ ھۇجۇمغا ئۇچۇرغانلىقى ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق. 


 

2009-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە كەلدۇق ۋە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى مەلۇم دوستىمىزنىڭ بوش ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇق.  

 

سىلەر كۆرۈۋاتقان بۇ سىن كۆرۈنۈشى 2009- يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى كېچە سائەت 11:26 مىنۇت ئۆتكەندە  «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى 20 نەچچىنچى قەۋەتتىكى بىر ئۆيىدە تۇرۇپ كەمىنە دېرىزىدىن ئۆز قولى بىلەن فىلىمگە ئالغان كۆرۈنۈشلەردۇر. 

 

شۇ كۈنى كەچ سائەت 9 لار ئەتراپىدا بىنانىڭ توكى ئۈزۈۋېتىلىدۇ، كېيىن ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون سىگناللىرى ئۈزۈۋېتىلدى. سىرتتا ئوق ۋە بومبىلارنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ دەرۋازىلىرى مەھكەم تاقىلىپ، ئىچىگە سولانغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار «ئۇيغۇرلار ياشىسۇن!» دەپ شۇ كۈنى تاكى تاڭ ئاتقىچە توۋلاپ نارازلىق نامايىشى ئېلىپ باردى.  

 

بۇ ۋاقىتتا بىنا ئىچىدە توك يوق، قاراڭغۇ… مەن ستودېنتلارنىڭ نامايىش شوئارىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن 20 نەچچىنچى قەۋەتتىن يۈگۈرۈپ پەسكە چۈشتۈم، ئەمما بىنانىڭ ئىشىكىنى ئەسكەر ۋە كۈزەتچىلەر توسۇپ تۇرۇپتۇ. ئۇلار ماڭا  «بىنانىڭ ئىچىگە دەرھال كىرىپ كەت !» دەپ توۋلاشتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنۋېرسىتېت ئەتراپلىرىدىكى كوچىلاردا بولسا قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتاتتى…. نامايىشچىلارغا ئېتىلغان بومبا ۋە ئوق – دورىلاردىن چىققان قۇيۇق ئىس – تۈتەكلەرگە يىغا -زار ۋە سۈرەن – چۇقانلار قوشۇلۇپ ئۈرۈمچى ئاسمىنىنى تىترىتەتتى…. 

 

بىز پۈتۈن بىر ئائىلە بۇ قانلىق قىرغىنغا شاھىت بولدۇق. شۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ ئەڭ كىچىك قىزىمىز 2 ياش، چوڭى 5 ياش ئىدى. گەرچە ئارىدىن 10 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ بىزنىڭ قىزىمىزنىڭ ئېسىدىن ساقچىلارنىڭ پىلمۇتلىرىنى بىزنىڭ بېشىمىزغا بەتلەپ تۇرۇپ، پاسپورتىمىز ۋە يۈك-تاقلىرىمىزنى تەكشۈرگىنى ئېسىدىن چىقمايدۇ. 

 

بىز بۇ كۈنلەردە بېيجىڭدىكى ئەنگلىيە ئەلچىخانىسى بىلەن جىددىي ئالاقىلىشىپ، ئەلچىخانىنىڭ «ئەلچىلىك قوغداش» ياردىمىگە ئېرىشىپ، قىلىدىغان خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئىمكان بولغان بىر قىسىملىرىنى پۈتتۈرۈپ، ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانام ۋە ئۇرۇق -تۇغقانلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ، يۇرتۇمدا 25 كۈن تۇرغاندىن كېيىن، ئەنگلىيىگە قايتىپ كېتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلدۇق.  ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئىككىنچى كۈنىلا ساقچىلار پاسپورتىمىزنى تارتىۋالدى. بۇ ئىش يۈزبېرىپ 3 كۈندىن كېيىن بېيجىڭدىكى ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ بىۋاستە ياردىمى بىلەن پاسپورتىمىز قايتۇرۇپ بېرىلدى. بىز پاسپورتىمىزنى ئالغان كۈنىلا بېيجىڭغا قاراپ  ئۈچتۇق ۋە لوندونغا قايتىپ كەلدۇق.

 

بىز ئەنگلىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يىللارغىچە بىز شاھىد بولغان بۇ قاباھەتلەر ئېسىمىزدىن چىقمىدى. بىز  شاھىد بولغان بۇ تېرگېدىيەنى چىقىش قىلىپ، ئۆزىمىز كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىمىز ئاساسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، 2011-يىلى كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئىچكى ئاسىيا ئىلىمي تەتقىقات ژۇرنىلىدا مەن ۋە ئايالىمنىڭ ئورتاق ئاپتورلىقىدا «نەزىرگە تەكلىپ: ئۇيغۇر توربەتچىلىكىگە ئومۇمى نەزەر» – 

(›Invitation to a Mourning Ceremony‹: Perspectives on the Uyghur Internet) 

 

ناملىق ئىلمىي ماقالىمىزنى ئېلان قىلدۇق. بۇ ماقالە بۈگۈنكى كۈنگىچە غەرب ئەللىرىدىكى نوپۇزلۇق ئۇنۋېرسىتېتلاردا «خىتايدىكى ھازىرقى زامان مىللەتلەر مۇناسىۋەتلىرى» ۋە «خىتاي ئىنتېرنېت تورى ۋە ئۇيغۇرلار» قاتارلىق تېمىلار ئۇچۇن دەرسلىك قاتارىدا ئوقۇتۇلۇپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ھازىرقى زامان خىتاي ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ئۇچۇن ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان، قوللىنىلغان ماقالىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

 

بۈگۈندىن دەل 10 يىل بۇرۇنقى 5-ئىيۇل كۈنىدە قەيسەر ئۇيغۇر ياشلىرى بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن ئۆز قېرىنداشلىرى ئۇچۇن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئادالەت، باراۋەرلىك، ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئېلىپ بارغان تېنچ نامايىشىغا ئوق بىلەن جاۋاب قايتۇرغان، قانلىق باستۇرۇشى سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قېتىپ قالغان قان داغلىرى تېخى ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدىن، تاملىرىدىن يۈتمىگەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا 10 يىلدىن بۇرۇنقى ۋەھشىلىكىدىن تېخىمۇ ۋەھشى باستۇرۇش، مەجبۇرى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قاتارلىق ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىپ، 5 مىليونغا قەدەر بىگۇناھ خەلقىمىزنى 2-دۇنيا ئۇرىشىدىكى «يەھۇدىي جازا لاگېرلىرى» دىنمۇ بەتتەر «خىتاينىڭ 21-ئەسىردىكى جازا لاگېرىلىرى» غا سولاپ ياشا ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، خىتاي ئۆزىنىڭ قانۇنىغا، دۇنيانىڭ قانۇنىغا، ئىنسانىيەتنىڭ ئىنسانلىق قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىرقىي قىرغىن جىنايىتى ئۆتكۈزمەكتە. 

 

خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 70 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان مۇستەملىكە سىياسىتى بۈگۈنكى كۈندە شۇنى ئېنىق ئىسپاتلىدىكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقلىق خوجايىنلىرى بولغان بولغان ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆز بەلگىلىمەي، مۇستەقىللىق ئارزۇسىغا ئېرىشمەي تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بىر مىللەت بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ياشاش ھوقۇقىنى ھىچ بىر زامان قوغدىيالمايدۇ ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدۇ. 

 

بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي ۋە مەدەنىي يوقۇتۇش، دۆلەت تېررولۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇق ۋە ياشاش ھوقۇقى ئۇچۇن، مۇستەملىكە قىلىنغان ۋەتىنىنى، مۇنقەرز بولغان دۆلىتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئۇچۇن ئېلىپ بارىدىغان كۈرىشىنى مەڭگۈ ئۇيغۇر تېنچلىق، ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن كۈنىگە قەدەر توختاتمايدۇ! 

 

ئۇيغۇرلار ياشىسۇن! شېھىتلەر ئۆلمەس! ئامېن!

 

2019-يىلى 3-ئىيۇل.

 
 

————————————————
قوشۇمچە: بۇ ماقالە ھازىرغىچە نەشرىيات تەرىپىدىن سېتىلىدۇ. ئەگەر ئېنگلىزچە بىلىدىغان قېرىنداشلاردىن بۇ ماقالىنى ئوقۇشنى ئىستىسە، مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلەشسە بولىدۇ. elkun@azizisa.org

 
*
https://brill.com/view/journals/inas/13/1/article-p27_3.xml

https://www.jstor.org/stable/24572134?seq=1#page_scan_tab_contents

 



باھا يېزىش چەكلەندى!