تۈن كېچىسى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ھەر كۈننىڭ تۈن كېچىسى،
ئۇ يېرىمى تۈنۈگۈندىن ئېشىپ قالغان.
ھەممە نەرسە كۆزگە مەۋھۇم،
شوخ يۇلتۇزلار بېقىشقان،
چىرايلىق ئاي بۇلۇت كەپىسىدىن –  
ناز بىلەن سوزۇلۇپ چىققان!

 

ئۇيقۇسى سەگەك ئويغاق زېمىن،
دۇنيا گۈزەللىكىگە مەدھىيە ئوقۇپ،
ھەم رەزىللىككە نەپرەت ئوقۇپ،
سامان يولىغا ھەۋەس بىلەن باققان.

 

تۈڭلۈكتىن چۈشكەن تولۇن ئاي –
بۇ كېچە دوڭ مازاردا،
گۈلخان ياققان،
قورسىقى تازا ئاچقان –
بەڭگىنىڭ تاۋقىدا ئاش بولۇپ قاتقان.

 

بۇ كېچە تىمتاسلىغىدا،
دەرۋىش تەسۋىيىگە دۇنيا باغلانغان،
ئۇ مازارنى چۆرگىلەيدۇ.
قەھرىمانلىق بىر چۆچەككە –
مۇھەببەت رىۋايەتكە ئايلانغان …

 

چېكەتكە ئېتىزدا توي ئوينىسا،
ئاڭلىنار ئىتلارنىڭ ئۆيمۇ – ئۆي،
سۆڭەك تالىشىپ قاۋاشلىرى،
بىر- بىرلىرىنى تالاشلىرى،
ئادەملەر قۇيرۇقىنى قۇم باسقان –
كېچىدە بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلىشى،
مەھەللە ئېسىدىن ئۇنتۇلغان.

 

ئېتىزدا بىر كۈن ئىشلەپ،
ھاشاردىن قايتقان جاپاكەش كالىلار –
دېھقاننىڭ ياغاچ تۈرمىسىگە سولانغان،
ئىگىسى بەرگەن ھەلەپنى تويغۇچە يەپ،
كۆرگەن كۈنىگە شۈكۈرلەر دەپ –
بۇ كېچىنى كۆشەپ چىققان.

 

ۋەتىنىم بىرلا،
ئۇ مېنىڭ ۋاز كېچەلمەيدىغان –
مەڭگۈلۈك تەختىم،
مەڭگۈلۈك بەختىم …
مەن ئۇنىڭدا كۆز ئاچقان،
ئۇنىڭ ھەر بىر گىياھى،
ھەممە ئارمانلىرىمغا قوشۇلغان،
قەلبىگە ئويۇلغان.

 

بۇ كېچە قىسمىتىمنى
چۈشۈمدە كۆرۈپتىمەن،
بالىلىقىمغا قايتىپ كېلىپتىمەن،
دۆڭ ئۈستىگە تۇغ تىكىپ –
بوينۇمنى مەن قىسماي تۇرۇپ –
كۆز قىسقان شوخ يۇلتۇزلاردىن،
«ئەگەر تېپىۋالغان بولساڭ –
ئاتام يۈتتۈرۈپ قويغان بەختىمنى –
 قايتۇرۇپ بەر» دەپ سوراپتىمەن!

 

مەن «ئاق بايراق ئەمەس» دېگەن –
تەسكەيدىكى مەغرۇر تاغدىن،
كۈنگەيدىكى قۇملۇق باغدىن،
مەغرۇپتا كۆرۈنگەن چەكسىز ئۇپۇقتىن،
ھەممىگە شاھىت ئاسمىنىمدىن،
تۆنۈگۈن غايىپ بولغان،
يالىڭاچ پۇتلىرىمنى كۆيدۈرگەن،
ئىللىق قۇياشلىق باھارىمدىن –
كائىناتتىكى ھەممىدىن …
مەن ۋەسلىمنى ئىزدەپتىمەن!

 

3 – ئىيۇن، 2016- يىلى، لوندون

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !