تاغ يامغۇرى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)

ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلاڭ:

http://www.azizisa.org/elkun_poem/Tagh_yamghuri.mp3

 

تون كىيگەن تۇماندىن ئۇستىگە يېشىل تاغ،
تۇرۇپ- تۇرۇپلا يامغۇر بىلەن يۇيۇنغان.
چېركاۋ مۇنارى ئۇنىڭ باغرىدا قىيسىق،
قۇشلىرى بۈك ئورماندا تىنماي سايرىغان.

 

مەن پىنھان بۇ يامغۇردا سۈكۈتكە پاتقان،
قەدىمىم ئەسكى قەلئە ئۇستىدە قاتقان.
قەلبىمدە ھايات ئۆتمۈشى ئۆچمەس زىنھار،
ھەر سېغىنىش نەپەستە ئوت بولۇپ يانغان! ……..

 

يامغۇردا بىھۇش بۈگۈن مېنىڭ تۇيغۇم،
بوۋاقتەك كۆزۈمدىن تۆكۈلەر يېشىم.
سويۇشەر مەڭزىمدە قوشۇلغان تامچە،
مۇڭلىنار سۆيگۈدە مۇھەببەت بېغىم…

 

ئۇپۇق سۆيگەن ئۇزاقتىكى ئورمان چېتى،
قۇياش بۈگۈن ئىچىدە مۆكۇنەي دەيدۇ.
تاغ بېشىدا چارچىغان كۈلرەڭ بۇلۇتلار،
ھەمراھ بولۇپ تولۇنئايغا تۈنەي دەيدۇ.

 

كېچە يۇلتۇزلىرىغا قىلىمەن خىتاب،
قىسما ئويناق كۆزۈڭنى سەن ئالدىراپ.
تۇرساممۇ بۇ يەردە مەيۇستە يالغۇز،
خىيالەن مۇڭدىشىمەن يار بىلەن شۇتاپ…

 

ئەمەس سەن قەلبىمدىن ئىزدىگەن يۇلتۇز،
شاھانە سارىيىڭدا بولساممۇ مېھمان.
تارىم بالىسى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇمايدۇ،
جاڭگالدا سۆيگىنى, ئۇنىڭ يارى چولپان!

 

يېشىل تاغ جورىسى سىم – سىم يامغۇر،
ئورماندا ئەكسى چاچرىغان مارجان.
يايلاق گۈلى ئۇ ئاق چېكىت – چېكىت،
پادا جەننىتى تۇيقىدا پايخان.

 

سورايمەن تاغ ئۈستىدىكى ئەركە بۇلۇتتىن،
قوشۇپ مېنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ كېتىشكە.
تىلەيمەن ئۇلۇغ تەڭرىم بەر ماڭا ئىمكان،
يامغۇر بولۇپ ئۆز ئېلىمگە سىڭىپ كېتىشكە!

 

 

 

مىلادى 2015 -يىلى 2-ئاپرىل
ئەنگلىيىنىڭ شىمالىدىكى ئىلام تاغلىق رايونىدا يېزىلدى.

 

 

Tagh yamghuri

 

 

مەنبە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تورى
http://www.azizisa.org/tagh_yamghuri

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !