نورۇز ئۆتكۈزۈشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى

“Noruz_maysa.jpg"ھېيتاخۇن مەمتىمىن

 

نورۇز، پارىسچە سۆز بولۇپ يېڭى كۈن دېگەن مەنىدە. نورۇز 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمى بايرام بولۇپ شەرقى تۈركىستان، غەربى تۈركىستان، ئىران، ئافغانستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردە قۇتلۇقلىنىپ كېلىنگەن بىر ئەنئەنىۋى بايرام. بۇ كۈندە كۈن تۈنگە تەڭلەشكەن، باھار باشلانغان كۈندۇر. بۇ بايرامنى تۈركى ۋە پارىس تىللىق مىللەتلەر ئورتاق تەنتەنە بىلەن كۈتۈپ كەلگەن بولۇپ كېيىنچە ئوسمانىيە خاندانلىقىدىمۇ ئالاھىدە كۈن ئېلان قىلىنىپ پادىشاھلارنىڭ مۇھىم دۆلەت ئەمەلدارلىرىنى مەنسەپكە ئاتايدىغان،سوغا تەقدىم قىلىدىغان كۈن بولۇپ داۋاملاشقان ئىكەن. نورۇزنىڭ ھارام ياكى چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا قۇرئاندىمۇ، ھەدىستىمۇ ھېچقانداق ئېنىق نەس(ئېنىق پاكىت) بولمىغان تۇرۇقلۇق قىسمەن دىنى ئۆلىمالاردىن قىياس يولى ئارقىلىق نورۇز ئۆتكۈزۈش بىدئەت دېگەنلەر بولغان.

 

مۇسۇلمانلارنىڭ پەقەت ئۈچ دانە دىنى بايرىمى بار؛ ئۇ بولسىمۇ رامىزان بايرىم،قۇربان بايرىمى ۋە جۈمە كۈنى. بۇنىڭدىن باشقا ھەرقاندان دىنى بايرام پەيدا قىلىش دىنغا بىرەر ھۆكۈمنى ئىلاۋە قىلغانلىق بولۇپ ئىسلام دىنى ئاتالغۇسىدا بىدئەتتۇر.

لەيلىقازاق

“Leyliqazaq.jpg"ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

شېئىرنى ئاڭلاش: Leyliqazaq.mp3

 

لەيلىقازاقمۇ ئەسلى ئىسمىڭ سېنىڭ،
ياكى ئەلچىمۇ سەن باھارغا، نەرگىس؟
ئېچىلىسەن بالدۇر كەتمەستە ئۈششۈك،
ياغسىمۇ ئۈستۈڭگە قار، سۇلماي ھەرگىز!

 

باھار كەلمەي سېنى تۇنجى كۆرىمەن،
كۈلگىنىڭنى كۈن بىلەن تەڭ تۇيىمەن.
گۈلىدۇر سەن ھاياتلىقنىڭ بىخلىغان،
شۇڭا دىلىدىن سېنى گۈلۈم سۆيىمەن!

 

ئاشىقلار گۈلى سەن، سۆيگۈ داغلىغان،
ھىجراندىن قىشتا يۈرىكى مۇزلىغان-
كەلسىكەن باھار دەپ كۆزنى ياشلىغان،
يېقىپ ئوت ئۆيىگە نورۇز باشلىغان!

 

لەيلىقازاق بەرگەڭ يۈرەككە تالىق،
باھارنىڭ ئىلھامى ساڭا ئاتاغلىق.
چۈنكى تەبىئەت گۈلى سەن مىسالى،
ئالمىشىشى پەسىلنىڭ ساڭا باغلىق!

 

بوراندا قارلىغاچ ئۇچۇپ كەلگەندە،
ئاتالغان كىچىك ئىسمىڭ بولۇپ نەرگىس،
سەن بىلەن ئىللىق جاھان، كۈلەر يۈزلەر،
بولالماس باھار پۈتۈن سەنسىز ھەرگىز!

 

سەن جەڭچى باھار ئۈچۈن قىش قوغلىغان،
سەن مەشئەل نورۇزنى بىزگە چىللىغان.
شۇڭا كۈيلەر ئەلكۈن ئۈمىدكە تولغان،
مۇھەببەت قاتلىرىڭغا مېھىر تىزغان!

 

2018- يىلى 19-مارت، لوندون

 

مەنبە «ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تورى»