نورۇز ئۆتكۈزۈشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى

“Noruz_maysa.jpg"ھېيتاخۇن مەمتىمىن

 

نورۇز، پارىسچە سۆز بولۇپ يېڭى كۈن دېگەن مەنىدە. نورۇز 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمى بايرام بولۇپ شەرقى تۈركىستان، غەربى تۈركىستان، ئىران، ئافغانستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردە قۇتلۇقلىنىپ كېلىنگەن بىر ئەنئەنىۋى بايرام. بۇ كۈندە كۈن تۈنگە تەڭلەشكەن، باھار باشلانغان كۈندۇر. بۇ بايرامنى تۈركى ۋە پارىس تىللىق مىللەتلەر ئورتاق تەنتەنە بىلەن كۈتۈپ كەلگەن بولۇپ كېيىنچە ئوسمانىيە خاندانلىقىدىمۇ ئالاھىدە كۈن ئېلان قىلىنىپ پادىشاھلارنىڭ مۇھىم دۆلەت ئەمەلدارلىرىنى مەنسەپكە ئاتايدىغان،سوغا تەقدىم قىلىدىغان كۈن بولۇپ داۋاملاشقان ئىكەن. نورۇزنىڭ ھارام ياكى چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا قۇرئاندىمۇ، ھەدىستىمۇ ھېچقانداق ئېنىق نەس(ئېنىق پاكىت) بولمىغان تۇرۇقلۇق قىسمەن دىنى ئۆلىمالاردىن قىياس يولى ئارقىلىق نورۇز ئۆتكۈزۈش بىدئەت دېگەنلەر بولغان.

 

مۇسۇلمانلارنىڭ پەقەت ئۈچ دانە دىنى بايرىمى بار؛ ئۇ بولسىمۇ رامىزان بايرىم،قۇربان بايرىمى ۋە جۈمە كۈنى. بۇنىڭدىن باشقا ھەرقاندان دىنى بايرام پەيدا قىلىش دىنغا بىرەر ھۆكۈمنى ئىلاۋە قىلغانلىق بولۇپ ئىسلام دىنى ئاتالغۇسىدا بىدئەتتۇر.

 

تۆۋەندە بىدئەت توغرىسىدا كەلگەن بەزى ھەدىسلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي:

 

1- ئىرباد ئىبنى سارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: سىلەردىن كىمىكى مەندىن كېيىن ياشىسا، دىندا كۆپلىگەن نورمالسىزلىقلارنى كۆرىدۇ. سىلەر مېنىڭ سۈننىتىم ۋە توغرا يولنى كۆرسىتىپ بەرگۈچى، ئىزباسار خەلىپىلىرىمنىڭ يوليورۇق ۋە ئىش-ئىزلىرىدا مۇستەھكەم تۇرۇشقا بۇيرۇلدۇڭلار. دىندا ئەسلى يوق ئىشقا ھەرگىزمۇ يېقىنلاشماڭلار، دىندا پەيدا قىلىنغان ھەرقانداق نەرسە ئازغۇنلۇقتۇر. بۇ ھەدىسنى، ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، دارىمىي، ھاكىم، ئىبنى ھىببانلار زىكىر قىلىدۇ. شەيخ ئالبانى سەھىھ دەپ قارايدۇ.

 

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى دەيدۇ: ئاللاھ توغرا يولغا يېتەكلىگەن كىشىنى ئازدۇرغۇچى، ئاللاھ ئازغۇنلۇقتا تاشلاپ قويغان كىشىنى تپغرا يولغا ئېرىشتۈرگۈچى تېپىلمايدۇ. سۆزلەرنىڭ ئەڭ راستى ئاللاھنىڭ كالامى، ئەڭ ياخشى ئىش مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولىدۇر. ئەمەللەرنىڭ ناچىرى دىندا يېڭىلىق پەيدا قىلىش. دىندا پەيدا قىلىنغان ھەرقانداق يېڭىلىق بىدئەتتۇر مۇسلىم ۋە بەيھەقى رىۋايەت قىلغان. نەسائى يۇقىرىقى ھەدىسنى ھەرقانداق ئازغۇنلۇق دوزاخقا ئىلىپ بارىدۇ دېگەن ئىبارىلەرنىڭ زىيادىلىكى بىلەن رىۋايەت قىلىدۇ.

 

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە: كىمىكى دىنىمىزدا يوق ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: كىمىكى دىنىمىزدا يوق ئەمەللەرنى ئىبادەت دەپ قىلىدىكەن، ئۇ رەت قىلىنىدۇ.

 

ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ، «دىندا پەيدا قىلىنغان ھەرقانداق نەرسە ئازغۇنلۇقتۇر» دېگەن ھەدىس توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: بۇ جۈملە شەرئى قائىدە بولۇپ، بىدئەت شەرىئەتتىن ئەمەس، چۈنكى شەرىئەتنىڭ ئومۇمى پرىنسىپلىرى ھىدايەتتۇر. بىدئەت ئازغۇنلۇق يولىدۇر. ئەمما ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان ھەدىس زاھىرى ئەمەللەرنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ ناھايىتى كۆپ مەنانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىدئەتچىنىڭ ئەمىلىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆلىمالار ئىككى خىل نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

 

بىرىنچى: بىدئەتچىنىڭ ئەمىلىنىڭ قوبۇل قىلىنماستىن ئۆزىگە قايتۇرىدىغانلىقى.

 

ئىككىنچى: بىدئەتچى ئاللاھنىڭ شەرئى ھۆكمىگە قارشى چىقىپ، دىندا ئەسلى يوق ئىشلارنى ئىبادەت ياكى دىنى پائالىيەتلەر تۈرىگە كىرگۈزدى».

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندە، مەدىنىلىكلەردە بىر نەچچە تۈرلۈك دىنى ھېيت-بايراملار بار بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بىز ئەھلى ئىسلامنىڭ ھېيت-بايرىمىمىز، روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتىدۇر دەپ، دىن تۈسىدىكى باشقا بايراملارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

 

بىدئەت دىن نامىدىن يېڭى بىر ئىشنى پەيدا قلىش بولۇپ،باشقىچە ئىپادىلىسەك دىننىڭ گېنى بىلەن ھەپىلەشكەنلىكتۇر. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا نورۇز دىنى ئىبادەت دەپ قارالسا،ئۇچاغدا بىئەت. رېئاللىق شۇكى نورۇزنى قۇتلۇقلىغانلار ئىبادەت دەپ قۇتلۇقلىمايدۇ، دىنى ئىبادەت ياكى دىنى قائىدە يوسۇن ئەمەس بەلكى مىللى ئۆرپ – ئادەت سۈپىتىدە تەنتەنە قىلىپ باھارنى كۈتۈۋالىدۇ.

 

ئاللاھ ھارام قىلمىغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوچۇق تىلغا ئېلىپ چەكلىمىگەن بىرەر ئىشنى ھارام دېيىش ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئالدىدا ئالدىپەشلىك قىلغانلىقتۇر.نورۇز پائالىيىتى جەريانىدا مەيلى ھاراق- شاراب ئىچىش بولمىسۇن مەيلى شەھۋانىلىققا ياتىدىغان ، ئاللاھ ھارام قىلغان ھەرقانداق قىلمىشتىن ساقلانغان ئاساستا مىللى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ مىللەتنىڭ ۋە ئۈممەتنىڭ ئەزالىرىنىڭ بىرلىك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكىلىك رول ئوينىسا بۇ مۇباھتۇر. ئەگەر نورۇز پائالىيىتىنى دىنى بىر مۇراسىم دەپ بىلىۋالسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ھارام.

 

مەسىلەن دۆلەت بايرىمى،بالىلار بايرىمى قاتارلىق نۇرغۇن مەدىنى ۋە ئىجتىمائىيلىققا ياتىدىغان بايراملار دىنى بايرام سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلمىغاچقا مۇباھ بولغىنىدەك نورۇز بايرىمىمۇ نېمىشقا مۇباھ بولمىسۇن؟ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىككى ئەسلىيەتچى ۋائىز چىقىپ «نورۇز قىپتىيلار ۋە پارىسلارنىڭ قەدىمكى بايرىمى ئىدى» دىيىشى بىلەن نورۇز ھارام بولۇپ قالمايدۇ. مەسىلەن: ئىسلام دۇنياسىدا ئەسىرلەردىن بۇيان سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش،خاتىرىلەش ۋەجىدىن مەۋلىد ئوقۇلىدۇ،بۇنى ھېچكىم دىنى بايرام ياكى ئىبادەت دەپ قارىمىغاچقا مۇباھ دەپ قارىلىدۇ ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەسلىيەتچى ئېقىم بولسا بىدئەت، ھارام دەپ قارايدۇ.

 

مىللى بايراملار بىر مىللەتنىڭ كۆۋرۈكى بولۇپ ئۇ مىللەت ئەزالىرىنى ئورتاق گەۋدىدە بىرلەشتۈرۈپ، پەخىرلىنىش ھېس – تۇيغۇسى بەخش ئېتىدۇ. نورۇز بايرىمى بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى خىتايلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ۋە ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ يوقاپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن قورغان بولغانلىقتىن بۇنى سەزگەن جاللات شېڭشىسەي نورۇز ئۆتكۈزۈشىمىزنى چەكلىگەن ئىكەن، ماۋ خىتايمۇ رۇخسەت قىلمىغان بولۇپ تاكى 1986- يىلىدىن باشلاپ ئەسلىگە كېلىپ مىللى خاسلىقىمىزنى ئەكس ئەتتۈرۈش پۇرسىتى تۇغۇلغان .ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي ئالۋاستىلىرى نورۇز بايرىمىمىزنىمۇ تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە ئىشلەتمەكتە، تېخى يېقى كەلگۈسىدە بۇنىمۇ چەكلىمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بىز ئۇيقۇمىزنى ئېچىپ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئاتا-بوۋىلىرىمىز قۇتلۇقلاپ كەلگەن بۇ بايرىمىنى بىزنى بىرلەشتۈرىدىغان مۇنبەرگە ئايلاندۇرۇپ مىللى مەۋجۇدىيىتىمىزنى مۇستەھكەملەيلى. بادام دوپپىمىزنى كىيىپ، ئەتلەس-شايى كۆڭلەكلىرىمىز بىلەن بېشىمىزغا ئاييۇلتۇرزلۇق كۆك شارپىمىزنى ئوراپ ئىستىقبالىمىزنى باھارغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشايلى!

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !