مۇزىكا

Musicئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun_poem/Muzika.mp3

 

بەئەينى تۈندىكى جىن غىڭشىپ ناخشا ئېيتىۋاقاندەك
غۇۋا بىر مۇزىكا قۇلىقىم تۇۋىدە ئاڭلىنىۋاتاتتى
پەرىزىمچە ئۇ كونىراپ كەتكەن بىر پىئانىنودىن كېلىۋاتىدۇ.
بەلكىم بۇ مۇزىكىنى بىر ئاق چاچلىق موماي چېلىۋاتىدۇ
چۈنكى ئۇ ياشلىقىدىكى نادامەتتە قالدۇرغان ئاشىقىنى سېغىندى …
بۇ مۇزىكا ئاستا – ئاستا پەنجىرىدىن ئۆملەپ كىرمەكتە
«خوش كەلدىڭىز» دېدىم مەن ئۆز-ئۆزۈمگە
«سىز روھىمغا چۈشكەن چۈشكۈنلۈكنى تازلىيالامسىز؟» دەپ سورۇدۇم
ئۇ جاۋابەن ئاھاڭلىرىنى تېخىمۇ لەرزان ياڭرىتىشقا باشلىدى…

 

مۇزىكىنىڭ مىسكىن قەلبلەرنى ساقايتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن
مۇڭلۇق مۇزىكا شائىرلارغا لىرىكا يېزىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ
ئۇ شۇنداق ساپ، شۇنداق بىغۇبار، شۇنداق ئاق كۆڭۈل،
ئۇ كىشلەرگە ھىسداشلىق قىلىشنىلا بىلىدۇ
ئۇ سىزنىڭ بۇرۇن يوقۇتۇپ قويغان گۈزەل ئەسلىمىلىرىڭىزنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ.