داخاودىكى ناۋايخانا
-
سەھىپە:Elkun xatirisi، Elkun yazmilliri، Muhajiret
باھا:0 دانە
20-03-2018
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەسەرنى ئاڭلاش: Dachaodiki_Nawayxana.mp3
ئەسەرنى ئاسىيە ئۇيغۇر ئوقۇدىئەسەرنى پەرىزات ئۇيغۇر ئوقۇدى
مەن مىيۇنخىنگە كەلگەندىن كېيىن بۇ دۆلەتنىڭ تىلىنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن كۆپ قىينالدىم، گەرچە بۇ چىرايلىق شەھەرنىڭ تاشقى كۆرۈنىشى، رەتلىك كوچىلىرى مېنڭ كۆزۈمگە يورۇق تۇيۇلغان بولسىمۇ، ئەمما قەلبىمدىكى كۆرۇنىشى بولسا قاراڭغۇ ئىدى. شۇڭا ياشاش كۈرىشىدىن كېيىنكى بوش ۋاقتىم بولسا گېرمانىيە ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى مەن ياشاۋاتقان، ئۇيغۇرلار 1970-يىللاردىن باشلاپلا كۆچمەن بولۇپ كېلىشكە باشلىغان، پۈتۈن ئۇيغۇر دۇنياسىغا تولىمۇ تونۇشلۇق بولغان بۇ شەھەر مىيۇنخىن ھەققىدە كۆپىرەك نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋېلىشقا ئۇرۇندۇم. گەرچە بۇ ۋاقىتلاردا ۋەتەندىكى ماكانىم تور بېكىتى ۋە يېڭىدىن ئېچىلغان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تورى قاتارلىق بىر قانچىلا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىنتېرنېت تور بېكىتىدىن باشقا تور ئارقىلىق ئۈگەنگىدەك مەلۇماتلارمۇ يوق دىيەرلىك ئىدى. مەن ئۆز ئېھتىياجىمدىن چىقالايدىغان روسچە ۋە خىتايچىدىن باشقا بىر ياۋروپا تىللىرىنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن، كۆپىنچە، بولۇپمۇ يەكشەنبە كۈنلىرى مىيۇنخېن شەھەر مەركىزىدىكى ھوببانوۋ ۋوگزالىنىڭ (Hauptbahnhof) ئالدىدىكى ئىنتېرنېت قەھۋەخانىلىرىغا كىرىپ سائەتلەپ ئولتۇرۇپ، روسچە ۋە خىتايچە مەنبەلەردىن گېرمانىيە ھەققىدە خەۋەرلەرنى كۆرەتتىم. ھەم بۇ دۆلەتتە قانداق ياشاش ھەققىدە ئۆگىنەتتىم، ئىزدىنەتتىم. دۇنيا، ياۋروپا ۋە خىتاي ھەققىدىكى سىياسىي ئېقىم خەۋەرلىرىنى قىزىقىپ ئوقۇيتتۇم. ۋەتەن سېغىنىشنىڭ ھەسرەتلىرىگە ئاز-تولا روھىي ئوزۇق تېپىش ئۈچۈن ماكانىم تور بېكىتىنىڭ «چايخانىسى» غا كىرىپ ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن پاراڭلىشاتتىم. ئۇ زامانلاردا خىتايدا تور تەقىپلىرى ئاساسەن يوق ئىدى. بۈگۈنكى كۈندىكىدەك تۈرلۈك ئىجتىمائىي تارتۇقلارمۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.
گېرمانىيىگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن تۈرك ۋە باشقا مىللەت كۆچمەنلەرنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك ئىشچى بولۇپ ئىشلەيتتى. بۇ كۆچمەنلەر گېرمانىيىنىڭ نېگىزلىك بولغان سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن مۇھىم ئەمگەك كۈچلىرى ھېسابلىناتتى. 1990-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ يېڭىدىن گېرمانىيىگە كۆچمەن بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ سانى يىلدىن يىلغا كۆپىيىشكە باشلىدى. پۈتۈن گېرمانىيە تەۋەسىدە 3-4 مىلىيونغا قەدەر تۈرك نوپۇسى بار بولۇپ، مىيۇنخىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن تۈرك كۆچمەنلىرىنىڭ ياردىمىدە زاۋۇت ۋە كارخانىلاردا، بولۇپمۇ تۈركلەر ئىگىدارچىلىقىدىكى رېستوران، باققال ۋە ناۋايخانىلاردا ئىش تېپىپ ئىشلەش پۈرسەتلىرىگە ئېرىشەتتى. بۇ كۈنلەردە مېنىڭ مىيۇنخىندە قانۇنلۇق ئىشلەش رۇخسىتىم بولمىغان بولسىمۇ ئەمما گېرمانىيىگە كېلىشم ئۈچۈن قىرغىزىستاندىكى ۋاقتىمدا مىيۇنخىندىكى قېرىنداشلىرىمدىن ئالغان بىر قانچە مىڭ دوللار قەرىز مېنى قانداقلا ئىش بولسا بولسۇن، بىرەر يەردىن ئىش تېپىپ ئىشلەپ، بۇنى ۋاقتىدا قايتۇرۋېتىش ۋەسۋەسى ئالدىرتاتتى. مۇشۇ مەقسەتتە مەن ئاخىرى تەۋەككۈل قىلىپ، تۈركلەرنىڭ شىركەتلىرىدە «قاچاق» ئىشلەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خالىس ياردىمىدە ئىش تېپىپ ئىشلەشكە باشلىغان ئىدىم. دەسلەپتە قەغەز زاۋۇتىدا بىر يىلغا ئىشلىگەندىن كېيىن، ئۆزۈمدە ئۇيقۇسىزلىقنىڭ دەردىدىن روھىي جەھەتتىن چارچاشنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىۋاتقانلىغىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم. ئادەم ئۈچۈن كېچىسى ئۇخلىماي ئىشلەش ئۇزۇنغا سوزۇلسا ئۇنىڭ سالامەتلىككە، روھىي ساغلاملىققا تەسىرى كۆپ بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچىسى زاۋۇتتا ۋاراڭ-چۇرۇڭ، شاۋقۇنلار بىلەن توپا-چاڭلارغا مىلىنىپ ئىشلەش تەبىئىيكى، ئەگەر بىر كىشى ئۇ قەدەر موھتاجلىققا مەھكۇم بولمىسا، بۇ ئىش گېرمانىيىنىڭ شارائىتىدادائىم قىلىپ جان باقىدىغان ئىشمۇ ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئۇقۇشۇپ يۇرۇپ، بىر قانچە ئاي بىر تۈرك تازلىق شىركىتىدە ئىشلىدىم، كېيىن تاماقتىن كۆپ قىيلىنىشقا باشلىدىم، شۇنىڭ بىلەن بىر مەھەل بولسىمۇ قورساقنىڭ غېمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر رېستۇراندا ئىشلەشكە يۆتكەلدىم.