كۈز ـ سەن ھىجران ئەمەس!
-
سەھىپە:Elkun yazmilliri
باھا:0 دانە
24-10-2016
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئاۋازنى بىۋاستە ئاڭلاش: Kuz_sen_hijran_emes.mp3
ئاسماننى قارا بۇلۇتلار قاپلىغان، ياز قۇياشنىڭ ئاتەش نۇرلىرىدىن ئەسىرمۇ يوق، كىشنىڭ كۆڭلىگە بوران – چاپقۇننى، ھايات – ماماتلىق تەبىئەتنىڭ تىراگېدىيىسىنى ئەسلىتىدىغان بىر چاغ. مەن مەيۇس سەھەردە باغچىنىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ كەلدىم. ئەييۇھەنناس! بۇ يەردىكى كۈز كۆز ئالدىمدا مەھبۇبىنىڭ مۇھەببەت ۋىسالىغا يېتەلمىگەندىن كېيىنكى ئۆزىنى ئولتۇرۇۋېلىش درامىسىنى ئويناۋېتىپتۇ.
كۈز ياپراقلىرى شەبنەمدە تۆكۈلگەن يالتىراق ياشلىرىنى پاقىرتىشىپ، ھىجران ناخشىلىرىنى بولۇشىغىچە ئېيتىشىپ، دەرەخلەر بىلەن ۋىدالىشىۋېتىپتۇ، نىمجان جىسمى سوغۇق يەرنى، تۇپراقنى باغاشلاۋېتىپتۇ. باغچىنىڭ بۈگۈنكى كۆرۈنىشى ياپراقلارنىڭ مازارلىقنى ئەسلەتتى. قاغا – قۇزغۇنلار ۋە يەنە قانداقتۇر ماڭا نامى نامەلۇم بولغان، ئادەمگە بىر كېلىشمەسلىكنىڭ، بەختسىزلىكنىڭ، كۈلپەتنىڭ سېزىمىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدىغان بۇ ۋەھشى ياۋا قۇشلار دەرەخ ئۇستىگە قونۇشۇپ، يازنى بوستان قىلغان ئەشۇ ياپ يېشىل يوپۇرماقلارنىڭ بەختسىزلىكىنى تاماشا قىلىشىپ بەھرى سۇرۋاتقىدەك…. ئۆزۈمگە ئاستا پىچىرلاپ «توۋا ! بىز ئادەملەرلا ئەمەس، ئەمدى بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيانىڭ تەبئىتىدىنمۇ مۇھەببەت يوقاپ كەتكەنمىدۇ؟ ئۇلارنى كىملەر نېمە سەۋەبلەر بىلەر شۇ قەدەر رەھىمسىزلەشتۇۋەتكەندۇ؟ ياكى ئۇلارمۇ بۇ نائىنساپلىقنى ئادەملەردىن ئۆگەنگەنمىدۇ؟” دېگۈدەكمەن.