كۈز ـ سەن ھىجران ئەمەس!

Kuz hijiran emes

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئاۋازنى بىۋاستە ئ‍اڭلاش: Kuz_sen_hijran_emes.mp3

 

ئاسماننى قارا بۇلۇتلار قاپلىغان، ياز قۇياشنىڭ ئاتەش نۇرلىرىدىن ئەسىرمۇ يوق، كىشنىڭ كۆڭلىگە بوران – چاپقۇننى، ھايات – ماماتلىق تەبىئەتنىڭ تىراگېدىيىسىنى ئەسلىتىدىغان بىر چاغ. مەن مەيۇس سەھەردە باغچىنىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ كەلدىم. ئەييۇھەنناس! بۇ يەردىكى كۈز كۆز ئالدىمدا مەھبۇبىنىڭ مۇھەببەت ۋىسالىغا يېتەلمىگەندىن كېيىنكى ئۆزىنى ئولتۇرۇۋېلىش درامىسىنى ئويناۋېتىپتۇ.  

 

كۈز ياپراقلىرى شەبنەمدە تۆكۈلگەن يالتىراق ياشلىرىنى پاقىرتىشىپ، ھىجران ناخشىلىرىنى بولۇشىغىچە ئېيتىشىپ، دەرەخلەر بىلەن ۋىدالىشىۋېتىپتۇ، نىمجان جىسمى سوغۇق يەرنى، تۇپراقنى باغاشلاۋېتىپتۇ. باغچىنىڭ بۈگۈنكى كۆرۈنىشى ياپراقلارنىڭ مازارلىقنى ئەسلەتتى.  قاغا – قۇزغۇنلار ۋە يەنە قانداقتۇر ماڭا نامى نامەلۇم  بولغان، ئادەمگە بىر كېلىشمەسلىكنىڭ، بەختسىزلىكنىڭ، كۈلپەتنىڭ سېزىمىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدىغان بۇ ۋەھشى ياۋا قۇشلار دەرەخ ئۇستىگە قونۇشۇپ، يازنى بوستان قىلغان ئەشۇ ياپ يېشىل يوپۇرماقلارنىڭ بەختسىزلىكىنى تاماشا قىلىشىپ بەھرى سۇرۋاتقىدەك…. ئۆزۈمگە ئاستا پىچىرلاپ «توۋا ! بىز ئادەملەرلا ئەمەس، ئەمدى بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيانىڭ تەبئىتىدىنمۇ مۇھەببەت يوقاپ كەتكەنمىدۇ؟ ئۇلارنى كىملەر نېمە سەۋەبلەر بىلەر شۇ  قەدەر رەھىمسىزلەشتۇۋەتكەندۇ؟ ياكى ئۇلارمۇ بۇ نائىنساپلىقنى ئادەملەردىن ئۆگەنگەنمىدۇ؟” دېگۈدەكمەن.

 
[تولۇق ئوقۇش]

شۇ دەققىدە قەلبىمنى مەن چىداپ بولغۇسىز بىر ئاچچىق ئازاب قىيناشقا باشلىدى… بۇ ئازابنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى كۆز ئالدىمدا مېنى ھەسىرەتلەندۇرىۋاتقان كۈز ئازابلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ ئازابنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، مېنى نېمىشقا ئۇ قەدەر قىينايدىغانلىقىنى ئۆزۈممۇ بىلەلمىدىم. بەلكىم تەخمىن قىلسام مېنىڭ بۇ يۇمشاق يۈرىكىم ئۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەھەللىسىدىكى كۈز غېرىبلىقىنى چۈشىدە كۆرگەندۇ… ئۇزاقتىكى غېرىبلىققا مەھكۇم بولغان، كۈندىن – كۈنگە خاتىرىسىدىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان ئۆز توغۇلغان ئۆيىنى سېغىنغاندۇ ياكى ئېھتىمالىم مەھەللىنىڭ سىرتىدىكى بوستان توغراقلىرى قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتكەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر بىر قېتىم «ھۇ…» دەپ ھۇۋلىغىنىدا تۇمشۇقىدىن قان تامچىيدىغان ۋە شۇ قان چۈشكەن يەرلەرنى چۆل ـ باياۋانغا ئايلاندۇرىۋېتىدغان ھوقۇشلارنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ قالغان، يىللاپ قەبرىسىگە ھىچ بىر ئادەم يوقلاپ بارمايدىغان چوڭ دادامنىڭ، چوڭ ئانامنىڭ مىسكىن قەبرىدىكى قۇرۇلغان روھى سەۋەپلىك بولۇشى مۇمكىن. يەنە بەلكىم ئەشۇ بىغۇبار بالىلىق ۋاقىتلىرىمىزا بىر ناننى تەڭ يەپ، تەڭ پادا بېقىپ، تەڭ موكو – مۆكۈلەڭ ئويۇنلىرىنى ئويناپ چوڭ بولغان، بۇ ھاياتنىڭ ھىچ بىر خۇۋلىقىنى كۆرمەي بىر قانچە يىلى ئالدىدا ئوپ – ئوچۇق مەھەللىنىڭ يولىدا موتسىكلىت ھەيدەپ كېتىپ بارغىنىدا ئۇچقاندەك كېلىۋاتقان بىر ساقچىنىڭ ماشىنىسىغا سوقۇلۇپ كېتىپ 40 ياشنىڭ قارىسىنى كۆرمەي بىزنى، بۇ گۈزەل دۇنيانى ئاھۇ-نادامەتتە قويۇپ جەننەتكە ئۇدۇل كەتكەن ئادىشمنىڭ قورۇلۇۋاتقان، مېنى سېغىنىۋاتقان روھىدۇر….

 

كۈز مەن ئەقلىمنى قولۇمغا ئالغاندىن باشلاپ سېنى ھىچ بىر قېتىم ياقتۇرۇپ باققىنىم يوق، چۈنكى مەن يېشىل ئوغلى، بارمىقىم يېشى (ئاتام مېنى شۇنداق دەپ ماختايتتى)، مۇشۇ يېشىل بارماقلىرىم بىلەن بالا ۋاقتىمدىن باشلاپ ئاتامدىن باغۋەنچىلىكنى ئۆگەنگەنمەن، شۇنىڭ ئۇچىنىمۇ مەن بۇ دۇنيادا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەبىئەت يېشىللىقنىڭ باغچامدىن ۋاقىتسىز غايىپ بولۇپ كېتىشىگە چىداپ تۇرالمايۋاتىدىغاندىمەن.

 

بۇ يىل قەلبىمدە كۈزگە قارىتا ئاز – تولا ئۆزگۈرۈشلەر بولغان ئىدى. كۈزنىڭ كېلىشى بىلەن قەلبىمنىڭ غېرىبلىقى ئۇ قەدەر مىسكىنلىككە چۆمۈلمىگەن ئىدى. چۈنكى ھەمىشە تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى مەدھىيىلەيدىغان بىر گۈزەل جانان ماڭا «قايغۇرما يېشىل ئوغلى، كۈزدە يوپۇرماقلارنىڭ چۈشىشى- ئۇ كەلگۈسىدە كېلىدىغان باھارنىڭ جەزمەن شەپىسىدۇر!» دەپ ماڭا تەسەللى بەرگەن ئىدى. شۇڭا بۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان كۆڭلۈم غەشلىككە تولسىلا ئەشۇ خىسلەتلىك سۆزنى ئۆزۈمگە پىچىرلاپ تەمكىنلىك ۋە قانائەت تاپاتتىم.

 

ئەي كۈز، سېنى ماڭا يەنە ھىجىراننى ئەسلەتمىسۇن، سېغىنىش ئوتىنى ياندۇرمىسۇن دەپ، ساڭا ياخشىچاق بولاي دەپ سېنى «ئالتۇن كۈز» دەپ ئاتىدىم. سېنى خوش قىلاي دەپ «كۈزدىكى مۇھەببەت» دەپ نەزمىلەرنى يازدىم ئەمما سەن مېنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرغا پىسەنت قىلمىغاندەك كۆزۈڭنى بەز يېگەن مۈشۈكتەك يۇمۇۋېلىپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭنىڭ غېرىبلىقىنى ماڭا رەھىمسىزلەرچە ئۆتكۈزۇۋاتىسەن.

 

ياكى سەن «سەن باھارغا ئاشىق، سەن باھارنى چىللاپ تالاي شېئىرلارنى يازدىڭ، ئەمما بىرەر قېتىممۇ مېنى كۈز كەل دەپ چىللاپ باقمىدىڭ… شۇڭا مەن ساڭا ئۆچ … شۇڭا ھەر يىلى سەندىن مۇشۇنداق ئۆچ ئالىمەن… » دەپ مەندىن قىساسىڭنى ئېلىۋاتامسەن؟!

 

كۈز، سەن ئەسلى ھىجران ئەمەس! سەن باھارىمنىڭ ئەلچىسى سەن! سېنىڭدىن كېيىنلا مەن زارىقىش بىلەن كۈتكەن خۇشناۋا باھارنىڭ بىر مەھەللىك ئۈششۈكتىن ئۆتۈپ كېلىدىغىنى مۇقەررەرغۇ؟ شۇ چاغدا ۋاقىتسىز سەندىن ئۈزۈلۈپ چۈشكەن سارغايغان يوپۇرماقلارنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن بىخلىغان  نوتىلىرىڭدىن ياپ – يېشىللىققا تولغان يۇمران يوپۇرماقلار يەنە ئۆسۈپ چىقىدىغۇ؟

 

بوپتۇ، كۈز، سەن تەبىئەت سەن، مېنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ماكانىم سەن، سەن مېنى قىينامسەن، مەندىن ئۆچ ئالامسەن، بۇلار ھەممىسى سېنىڭ مۇتلەق ئىختىيارلىقىڭدا؛ ئەمما بىر ھەقىقەتنى ئۇنتۇما، مەن يېشىل ئوغلىمەن، چۆللەرنى بوستان قىلغۇچىمەن، باھار ئەلچىسى قارلىغاچلارنى، مەشۇقلارنىڭ پىرى زەينەپنى، گۈللەرنىڭ ئاشىقى بۇلبۇللارنى بەزمىگە چاقىرغۇچىمەن. سېنىڭ ئەڭ ئېسىل تونىڭ بولغان ئەشۇ ئالتۇن رەڭلىك يوپۇرماقلارنى مەن چېۋەر يېشىل قوللىرىم پەرۋىش قىلغان ئەمەسمىدىم؟!  شۇنىڭ ئۇچىنىمۇ سېنىڭ ئىسمىنىڭ ۋاقىتسىز «خازان» غا ئايلىنىپ قېلىشىغا مەن چىداپ تۇرالمايمەن.

 

ھاياتنىڭ سىرلىرى، سەن نېمە دېگەن تىلسىملىققا تولغان ھە!

 

ئانا تەبىئەت، سېنىڭدە تۇغۇلدۇم، ساڭا ئاشىق بولۇپ ياشىدىم ئەمما بىر دەقىقىمۇ سېنىڭ شۇ گۈزەل يېشىللىقىڭدىن، پاكلىقىڭدىن، بوستانلىقىڭدىن ئايرىلىپ ياشىغۇم يوق!

 

ئېھ ئىنسانلىق! بىز ئەڭ سۆيۈملۈك، ئىنسان مۇھەببەتنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى شۇنىڭ ئۇچىنىمۇ ئۆلچەشكە، چەكسىزلىكىنى بىز بىلىشكە ئامالسىزدۇرمىز.

 

ئېھ ئاشىق قەلبىڭدە دۇنيانىڭ ھىجىرانلىرىنى گۈلخان قىلىپ كۆيدۈرۈۋاتقان ئەلكۈن! قويۇۋەت، ئۆزۈڭنى تەبىئەتنىڭ ئوتلىرىغا قويۇۋەت، ھىچ بولمىسا قەھرىتان قىشنىڭ سوغۇقىنى سەزمەيسەن، ئازابلانغان روھىڭ ئوتتا كۆيۈپ پاكلىنىدۇ! سەن ئۇنتۇما ۋە ئېسىڭدە تۇت- سەن باھارنىڭ ھىمايىچىسى سەن، شۇنىڭغا ئىشەن، ھېلىقى جانانىڭ ئېيتقاندەك، سەن سەۋرچانلىق بىلەن كۈتسەڭ، بۇ ساڭا كېلىۋاتقان، ھىجرانلىق ئوتى سېلىۋاتقان كۈزنى، سېنى توڭلىتىلغان قىشنى ئۆتكۈزۈۋەتسەڭ، سەن يەنە شۇ يېشىل بارماقلىرىڭ بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ خۇش پۇراقلىق باھارنىڭ گۈللىرىنى ئۆستۈرەلەيسەن.  شۇڭا دانالار «سەبرى قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پۈتەر» دەپ بىكار ئېيتمىغان ئەمەسمۇ؟!

 

ئەي يېشىل ئوغلى، سەن ئۆزۈڭگە ئىشەن، يۈرىكىڭنىڭ ھاياجان بىلەن تىز – تىز سوقۇشلىرىغا زەڭ
سال! سەن شۇ بىر ئېتىقاد بىلەن ياشاۋەر، يەنە مۇشۇنداق كۈزدىن بىر قانچىسى قەلبىڭنى يارا قىلىپ ئۆتۈشى مۇمكىن ئەمما سەن نېمىلەرگە كۆنمىگەن ئىدىڭ، كۆنىسەن، بىر ئالا ئوغلاق چېغىدىمۇ تاغقا كۆنىدۇ ئەمەسمۇ؟! بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق، خۇددى پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشىدەكلا بىر ئىش…  شۇنىسى مۇقەررەركى چۈشۈڭگە ئايلىنىپ قالغان بوستانلىق مەھەللىنىڭ مۇنبەت تۇپراقلىرىغا ھامان بىر كۈنى سەن باھارنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىنى ئېلىپ كېلىسەن، ئۇ يەردە ئاداشلىرىڭ بىلەن بىللە «ئىشچان قىز» ناخشىسىنى ئېيتىپ، ئوز قولۇڭ بىلەن كەچۈرۈم گۈللىرىنى، مۇھەببەت گۈللىرىنى، شادىيانە گۈللىرىنى ۋە سەلتەنەت گۈللىرىنى تىكىسەن!

 

ئەي كۈز، بوپتۇ سەن قانداق بولساڭ ۋە قانداق بولغۇڭ كەلسە شۇنداق بولىۋەر، بۇ سېنىڭ تەبىئىتىڭ، ئەمدى مەن سەندىن رەنجىپ ئولتۇرمايمەن. سېنىڭ كۈز بولغىنىڭ ئۇ دېمەك باھارنىڭ كېلىدىغنىغا ئاز كۈن قالدى دېمەكتۇر. شۇڭا مەنمۇ ساڭا پىسەنت قىلمايمەن، پىيالەمگە سەبرى چېيىنى تولدۇرۇپ ئېچىپ، بۇرۇنقىدەكلا باھارىمنى چىللاۋېرىمەن!

 

2016 – يىلى 24- ئۆكتەبىر. لوندون

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !