قىزىل قۇياش

Qizil_quyash_Elkunئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Qizil_quyash.mp3

 
مۇئەللەقتە قىزىل قۇياش –
كېچىچە غايىپ ئەرۋاھلار قېنىنى ئىچىپ
قاندەك قىزىرىپ سەھەردە چىقىدۇ…
كۈن چۈشكە قىيسايغاندا
يۈزىدىن ئوتلۇق تەبەسسۇم تۆكىدۇ.
 
پېشىنگە ياندىشىپ –
مۈكچەيگەن مەسچىت ئۆگزىسىدە
قېرى مەزىن ئەزان توۋلىغاندا
يالغۇز توغراق مەھەللىسىدە كاۋاپ بولۇپ
كۆيۈپ ھالىدىن كەتكەن قۇياش –
ئۇستىگە تومۇزنىڭ تونىنى كىيىدۇ!
 
گۈگۈم بىلەن تەڭلا ئىتلار قاۋاشقا –
توخۇلار چىللاشقا باشلىغاندا
قۇم باسقان ئەلنىڭ بۇ ئاسمىنىدا
تۈن كېچىسىدە ئاي – يۇلتۇز قايتا پارلىغاندا
شەرىق ۋە مەغرىبتە ئوخشاش بىر قۇياش
تەڭلا قان رەڭدە قىزارتىپ يۈزلىرىنى
تەبىئەتكە كەچۈرگىسىز ئاسىيلىق قىلىپ بولۇپ
ئاستا ئاستا ئۇۋىسىغا چۆكىدۇ…
تەبىئەتنىڭ گۇناھقا تولغان يەنە بىر بېتى پۈتىدۇ….
شۇڭا ئۇنىڭ تارخىمۇ ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ!