قىزىل قۇياش
-
سەھىپە:Elkun she'irliri
باھا:0 دانە
10-04-2017
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Qizil_quyash.mp3
مۇئەللەقتە قىزىل قۇياش –
كېچىچە غايىپ ئەرۋاھلار قېنىنى ئىچىپ
قاندەك قىزىرىپ سەھەردە چىقىدۇ…
كۈن چۈشكە قىيسايغاندا
يۈزىدىن ئوتلۇق تەبەسسۇم تۆكىدۇ.
پېشىنگە ياندىشىپ –
مۈكچەيگەن مەسچىت ئۆگزىسىدە
قېرى مەزىن ئەزان توۋلىغاندا
يالغۇز توغراق مەھەللىسىدە كاۋاپ بولۇپ
كۆيۈپ ھالىدىن كەتكەن قۇياش –
ئۇستىگە تومۇزنىڭ تونىنى كىيىدۇ!
گۈگۈم بىلەن تەڭلا ئىتلار قاۋاشقا –
توخۇلار چىللاشقا باشلىغاندا
قۇم باسقان ئەلنىڭ بۇ ئاسمىنىدا
تۈن كېچىسىدە ئاي – يۇلتۇز قايتا پارلىغاندا
شەرىق ۋە مەغرىبتە ئوخشاش بىر قۇياش
تەڭلا قان رەڭدە قىزارتىپ يۈزلىرىنى
تەبىئەتكە كەچۈرگىسىز ئاسىيلىق قىلىپ بولۇپ
ئاستا ئاستا ئۇۋىسىغا چۆكىدۇ…
تەبىئەتنىڭ گۇناھقا تولغان يەنە بىر بېتى پۈتىدۇ….
شۇڭا ئۇنىڭ تارخىمۇ ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ!
قاراڭ ئەنە ئەۋلىيا سۈپەت بۇغا ئاتا-
ئۇنىڭ غەمگۇزار بېشى ئاقارغان
ئەلمىساقتىن كۆيۈپ كەلگەن يالقۇنتاغ –
ھارارەتتىن تىنماي كۈندە كۆيىدۇ…
ئايدىڭ كۆل كۆزىدىن تۇزلۇق ياش قۇرىماس
خانتەڭرى غەزەپتىن سۈكۈتكە پاتقان..
ھەممىسىنىڭ ئىچىگە
لىق – لىق ئەلەملەر تولۇپ تاشقان!
تارىمدا دادىسىدىن يېتىم قالغان
ئانىسى ئەرگە تەككەن –
پادىچى بالا گەمىدە
ئۇ قورسىقىنىڭ غېمىدە
ئۇ قۇمىغا ئاخشام تۇخۇم كۆمۈپ قويغان –
پىشقانمىدۇ بۇچاققا؟
ئۇ باللا ئاسمانغا ئىلتىجا قىلىپ سورايدۇ:
«بۈگۈن تەكلىماكاندا قۇم ياغقان چاغ –
يۇلتۇزلار كۆرۈنمەيدۇ نېمىشقا؟»
ھايات ۋە ماماتلىقنىڭ مەۋجۇتلۇق تەڭلىمىسى
قىيامەت كۈنىنىڭ تارازىسىغا چۈشكەن كۈنىدە
تاڭ ئۇچۇن ئۇلۇغ چېلىشىش ئاخىرى پۈتكەندە
شەرىق دېڭىزىدىن قان ئىچىپ ئادەتلەنگەن –
قىزىل قۇياش يەجۇجى-مەجۇجىلار بىلەن تەڭ
يەنە يۈزىنى قىزارتىپ چىقىدۇ…
قۇياشمۇ چىقىدۇ… يەنە شۇ كۈنى پاتىدۇ…
كۆك تەڭرىگە چوقۇنغان مۇقەددەس ھايات
يېڭىش ۋە يېىڭلىش ئىچىدە داۋام ئېتىدۇ.
تەبئەتنىڭ ئۆزى ئەسلى بىر تىلسىم –
ئۇنىڭدا بىز يارىلىش ئۈچۈن جاڭگە چۈشكەن
ئەمما ئۇ ئادەم ئۆمرىنى شۇنداق قېرىتىدۇ
ئۇنىڭدا ئوخشاش قىسمەتلەر تەكرار – تەكرارلىنىپ
ھاياتنىڭ سەپىرى ئاخىرى پۈتىدۇ!
مىلادى 2015 – يىلى، 17 – ماي، لوندون.
(2017 – يىلى 10 – ئاپرىل قايتا تەھرىرلەندى)
مەنبەلەر:
http://bbs.bagdax.cn/thread-29741-1-1.html
http://www.azizisa.org/qizil_quyash