قاباھەتكە گۇۋاھلىق

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شۇنداق قىلىپ، مىلادىيەنىڭ 2017- يىلى ئاۋغۇستتا دۇنياغا ئۇيغۇرنىڭ نىداسى ”جاۋابسىز قالغان تېلېفون“ قوڭغۇرقىدىن ئاڭلىنىپ، 2021 – يىلى 22-ئاپرېل تارىختا ”كۈن پاتماس“ ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان، بۈيۈك برىتانىيە پارلامېنتى ئالدىدا ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك تۇغى – كۆك بايراق ئەلكۈننىڭ قولىدا غازىيانە لەپىلدىگەن كۈنى، بۈيۈك برىتانىيە پارلامېنتى ”خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئۆتكۈزدى“ دەپ دۇنياغا جاكارلىدى!

 

ۋادەرىخا، ئەلكۈن بۇ مەملىكەتكە 20 يىلنىڭ ئالدىدا تۇنجى قەدىمىنى باسقاندا ”مەن ئۇيغۇر، خىتاي مېنىڭ ۋەتىنىمنى قانۇنسىز مۇستەملىكە قىلىۋالدى. مېنىڭ خەلقىمنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ… مەن ئۆزۈمگە ۋە ئۇيغۇر دېگەن بۇ ئېزىلگەن مىللەتكە ئادالەت ئىزدەپ سېنىڭ بۈيۈك ئېلىڭگە پاناھ تارتىپ كەلدىم…“ دېمىگەن ئەمەسمىدى؟!

 

20 يىل، ئارىدىن بىر ئەرنىڭ بۇ قاباھەتلىك 20 يىلى ئۆتۈپ كەتتى.