سېغنىش (1)
-
سەھىپە:Elkun she'irliri، Elkun yazmilliri
باھا:0 دانە
28-01-2019
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Seghnish1.mp3
قىش ئۇزاپ ياز
باھارنى كۆيدۈرگەندە
بېشىمغا بۈگۈن كۈن چۈشكەندە
سالقىنلىماققا سايە ئىزدىدىم.
سايىنى كۈن پېتىشقا كۈن ـ
ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ ئېلىپ كەتكەندە
تۈن قاراڭغۇسىدا تىمىسقىلاپ
ئاينۇرىنى ئىزدىدىم…
قاراڭغۇ تۈنمۇ ئۇزاي دېگەندە
ئايمۇ مېنى تاشلاپ
تاغ كەينىگە مۆككەندە ـ
كېچە ۋە كۈندۈز پەرقىنى ئەتمەس
قەلبىم قېتىدا يوشۇرۇنۇپ كۆيگەن
يۈرىكىمدە تىلسىم بولۇپ كۆمۈلگەن
مەن سۆيگەن ۋە سۆيۇلگەن
ئۇزاقتىكى يارنى سېغىندىم….