سېغنىش (1)
-
سەھىپە:Elkun she'irliri، Elkun yazmilliri
باھا:0 دانە
28-01-2019
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان
شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Seghnish1.mp3
قىش ئۇزاپ ياز
باھارنى كۆيدۈرگەندە
بېشىمغا بۈگۈن كۈن چۈشكەندە
سالقىنلىماققا سايە ئىزدىدىم.
سايىنى كۈن پېتىشقا كۈن ـ
ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ ئېلىپ كەتكەندە
تۈن قاراڭغۇسىدا تىمىسقىلاپ
ئاينۇرىنى ئىزدىدىم…
قاراڭغۇ تۈنمۇ ئۇزاي دېگەندە
ئايمۇ مېنى تاشلاپ
تاغ كەينىگە مۆككەندە ـ
كېچە ۋە كۈندۈز پەرقىنى ئەتمەس
قەلبىم قېتىدا يوشۇرۇنۇپ كۆيگەن
يۈرىكىمدە تىلسىم بولۇپ كۆمۈلگەن
مەن سۆيگەن ۋە سۆيۇلگەن
ئۇزاقتىكى يارنى سېغىندىم….
ئېھ ھايات!
قىسمەتلىرىڭ بىلەن ماڭا تەقدىم قىلغان ـ
چېكىت قويۇشنى ئۇنۇتقان ھىجران ئۇچۇن
سېنى كەچۈرۈشكە ھەقلىق ئەمەسمەن!
شۇڭا ساڭا ـ
راست ۋە يالغان ئوتتۇرسىدىكى
ماماتلىقنى تىلەيمەن!
ماڭا ئاتا قىلغىنىڭنى ـ
سەن ئۇنۇتساڭمۇ مەن ئۇنتالمايمەن
ئەسلىمەمگە كۆچۈرۈپ تىزىلغان
كۆز مۇنچاقتەك يىپقا ھەممىسى.
قانچە قېتىملاپ دۈم ياتقان
ئۇيقۇسىز تۈنىگەن سانسىز كېچىلەر ئەتىسى…
تەنھا خىيالىمـغا يار باغلاپ سېنى !
ئۆيدىن يىراقتا بىر كۈن كۆرگەن چۈشۈم
مېنى سىلىق پەپىلەپ ئويغاتقاندا
شەپەق نۇرى دېرىزەمدىن يوشۇرۇن كىرىۋاتقاندا
سىمايىڭنى قايتىدىن
بەلكىم ئەڭ ئاخىرقى قېتىم
كۆرگەندەك بولدۇم…
شۇ كۈندىن باشلاپ
ھەر نەپىسىمدە تېلىقىپ تۇرۇپ ـ
ھەر سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىغا سېنى قوشتۇم
ئۆزۈمگە ئۆزۈمنىڭ يالغۇزسىرىغان ـ
ئەجنەبى دەردلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ.
ئاخشام يەنە چۈش كۆرۈشتىن بۇرۇن
ئاسماندىن چۈشكەن مەكتۈپلىرىڭنى ئوقۇدۇم …
سېغىنغان قەلبىمدىكى ساڭا ئاتاپ ـ
باغچامدىكى سايە ئاستىدا ئولتۇرۇپ
چۈشلۈك تامىقمغا لەغمەن يىمەي ـ
بۇ شېئىرنى توقۇدۇم !
2015 ـ يىلى 12 ـ فېۋرال، لوندون.