بالىلىق خاتىرەم ۋە لوندوندىكى ئايەم
-
سەھىپە:Elkun yazmilliri، Hékayiler
باھا:0 دانە
17-12-2015
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
بالىلىقىم- ئۇ بىر سۇلتانلىقىم، غەمگۇزارسىز،
ئايەم ئىدى ھەر كۈنۈم، سەبى قەلبىم كۈلگەن.
ئەل ۋەتەنسىز يات ئەلدە، سېغىنىشتا ياشىماق،
گۇيا بىر قامغاق ئىكەن، يىلتىزى ئۈزۈلگەن!
قالدىم كېتىپ، قۇم بارخىنى ئارقامدا قالدى!
مەن ئوينىغان توپا يوللار ئۇزاقتا قالدى!
ئۇنتۇمىدىم بىراق سېغىنىشتا كۈنلەر ئۆتتى….
ئاھ ۋەتىنىم دەپ ئارمىنىم يۈرەكتە ياندى!
بالىلىق ئادەم ھاياتىنىڭ ئەڭ غەمگۇزارسىز بىر مەزگىلى بولسا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن مەن بالىلىقىمنى ھەرگىز ئۇنىتالمايمەن. مېنىڭ بالىلىقىمغا خاس ئېنىق ئېسىمدە قالغان خاتىرىلەردىن بىرى ئايەم تەنتەنىسىدۇر. ھەممە ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئوخشاشلا مېنىڭ ھاياتىمدىنمۇ تالاي ھېيت خۇشاللىقلىرىغا چۆمگەن ئۇنتۇلغۇسىز يىللار ئۆتكەن. مەھەللىمىزدىكى بالىلار بىلەن بىر توپ بولۇپ رامزان ئايلىرىدا مەھەللىمۇ – مەھەللە ئارىلاپ رامزان توۋلىغانلىرىم، مەھەللىمىزدىكى ھەر بىر ئۆينىڭ ھويلىسى ئالدىدا رامزان توۋلىغاندا بېرىلگەن قوناق نېنى، ئۈزۈم، ئۆرۈك ۋە شاپتۇل قاقلىرى، ئۇششاق پارچە پۇللار قاتارلىق ئولجىلىرىمىزنى ئايدىڭ كېچىلەردە مەھەللىمىزنىڭ سىرتىدىكى قۇملۇق دوڭنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، باراۋەر تەقسىملەشكەنلىكىمىز……