ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
تۆنۈگۈن كەچ ۋە بۈگۈن ئەتىگەندە ئىستانبۇل ئاسمىنىدىن تۆكۇلگەن شىددەتلىك يامغۇر بۇ گۈزەل شەھەرنىڭ كوچا – كويلىرىنى يۇيۇپ، تازلاپ تېخىمۇ گۈزەل قىلىۋەتكەن ئىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك قېرىندىشى بولغان تۈركىيە تۈركلىرى ئەسىرلەردىن بۇيان ئاجايىپ جەڭگىۋارلىقى ۋە باتۇرلۇقى بىلەن ئۇچ قىتئەنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان بۇ قەدىمىي گۈزەل شەھەردە تالاي قەھرىمانلىق داستانلىرىنى يارتىپ كەلگەن بولسا، بۇ داستانلارنىڭ داۋامى بۈگۈنمۇ ئۈزۇلمەي ئېيتىلىۋاتاتتى. مانا بۇ غالىبىيەت شەھەرنىڭ ئەشۇ پىداكار خەلقى مۇندىن دەل بىر يىل ئىلگىرىكى 15- ئىيۇل كېچىسىدە ئۆز دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيىتىنى بىر تۈركۈم ھەربىي توپىلاڭچىلارنىڭ ئەكسىل ئىنقىلاب قوزغاپ، ئاغدۇرۇپ تاشلىشىغا قارشى ئاۋام خەلىق ھەركەتكە كېلىپ، كوچىلارغا چىقىپ تانكىلارنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ئىسسىق قانلىرى بىلەن دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قالغان ۋە بۇ غالىبىيەت كۈنىنى داغ- دۇغلۇق خاتىرلەۋاتقان، غەلبە تەنتەنىسىنىڭ يۇقۇرى پەللىگە چىققان ھارارىتىگە ئىيۇل ئېيىدىكى قايناق ئىسسىق ھاۋاغا قوشۇلۇپ يانغىن كەبى يېنىۋاتقان بۇ شەھەرنىڭ ئۈستىگە تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ غەزەپ بىلەن قۇيۇلغان يامغۇر كىشىگە ۋەتىنى ئۈچۈن ئەزىز جانلىرىنى قۇربان قىلغان 250 نەپەر شېھىتلەر شەنىگە ياش تۆكۈلىۋاتقاندەك تۇيغۇلارنى بېرەتتى….
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(Visiting a book shop in Baku)
بۈگۈن ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇ شەھرىنىڭ مەركىزىدىكى «ئاكادېمىيە كىتاپ مەركىزى» كىتاپخانىسىغا كىردىم. بۇ كىتاپخانىنىڭ ئادەملەر بىلەن تولغان قايناق شەھەر مەركىزىگە جايلاشقىنىغا، كىلاسسىك سوۋېت ئوسۇلىبىدا ھەشەمتلىك سېلىنغان، مىللىي نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن ۋە كۆلىمىنىڭ زۆر بۇلىشىغا قارماي، مەن كىتاپخانە ئىچىگە كىرگىنىمدە ئىچىدە كىتاپ ساتىدىغان بىر قىز ۋە بىر ياش بالىدىن باشقا ھىچ بىر كىشى كۆرۈنمەيتتى. دەسلەپتە سەل شۆھبىلىنىپ «مەن كىرگەن بۇ يەر كىتاپخانىمۇ ياكى باشقا بىر يەرمۇ؟» دەپ ئۆزۈمدىن سورىغاچ كتاپخانە ئىچىدىكى كىتاپلارنى كۆرۈشكە باشلىدىم …. بۇ يەردىكى كىتاپلارنىڭ تەڭدىن كۆپى روسچە ، قالغىنى سىلاۋيان يېزىقىدىكى ئەزەرچە، يەنە بىر قىسمى ئەزەر لاتىن يېزىقىدىكى كىتاپلار، قالغانلىرى ، بولۇپمۇ تىببى ۋە پەن تېخنىكا ھەققىدىكى كىتاپلار بولسا تۈرۈكچە ئىدى. كىتاپخانىنىڭ تارىخ يايمىسىدىن ئەزەر ياكى تۈركى خەلىقلەر ھەققىدە يېزىلغان كىتاپلارنى ئىزدەپ يۇرۇپ ئەزەر لاتىن يېزىقىدا يېزىلغان بىر تارىخ كىتاپىنى تاپتىم. ئۇ كىتاپنى ئوقۇپ كىتاپخانىدا بىر سائەتتەك تۇردۇم ئەمما كىتاپخانا ئىچىدە مەن يالغۇز ئىدىم، كىتاپخانە ئىچىگە ھىچ بىر كىشى كىرمىدى. كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرىنى كۆرۇپ ئۈرۈمچىدىكى، لوندوندىكى ئادەملەر بىلەن لىق ـ لىق تولۇپ تۇردىغان ئاۋات كىتاپخانىلار ئېسىمگە كەلدى. بۇ ئاجايىپ خىياللارنىڭ تۈرۈتكىسىدە بىر قانچە يىللار بۇرۇن تۈركى مىللەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان غەرىبلىك جەمىيەتشۇناس ئاكادېمىكنىڭ بىر ماقالىسىدا مۇنداق دېگىنى ئېسىمگە كەلدى «پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركى دۆلەت ۋە خەلىقلىرى ئىچىدە پەقەت ئۇيغۇرلار ئەڭ كىتاپ ئوقۇيدىغان خەلىق بۇلۇپ، جۈمىلىدىن ئۇيغۇر تىل يېزىقىدا ئۆتكەنكى 10 يىل ئىچىدە ئەڭ كۆپ كىتاپ نەشىر قىلىنغان».