بىر قەترە ئىنسانلىق

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئەسەرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Bir_qetire_insanliq.mp3

 

ئەي دۇنيا بىز ئېسىڭدىمۇ، بىر قەترە ئىنسانلىق مېھرى مۇھەببىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ يارىتىلغان ئىززەت ۋە قەدىرى قىممىتى بىلەن ئادەم بولۇپ ياشاشقا نىدا قىلىۋاتقان دۇنيادا ئۇيغۇر بىز دېگەن مىللەت بار!

 

مەن دۇنيادىكى ئەڭ ئەركىن بىر دۆلەتتە تۇرۇپ، بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا، ختاينڭ جازا لاگېرلىغا ئۇيغۇر بولۇپ دۇنياغا تۆرەلگەنلىكى ئۇچۇن جىنايەتچى قارىلىپ، كۆك ئاسماننى، كۈن نۇرىنى، ئەركىن پەرۋاز قىلغان قۇشلارنى كۆرۈپ ياشاش ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان، ھەر كۈنى بىر قاچا ئاشقا زار بولغان مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر ئۆلۈم گىردابىدا ئازاب چەكمەكتە.

 

نۇرسىز بىر جۇپ كۆزلىرىدىن ئۈمىد شاملىرى پىلدىرلاپ ئۆچەي دەپ قالغان، ئۆزلىرىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان يىراق – يىراق ئەللەرگە ئۇچۇپ كەتكەن يۈرەك پارىلىرىنىڭ يېنىدا بولىشىنى، كۆزلىرى يۇمۇلغىچە ئۇلارنى بىر كۆرۈۋېلىشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسى قىلغان ئۇيغۇرنىڭ مىليونلىغان مېھرىبان ئانىلىرى جۈملىدىن مېنىڭ ئانام، مەن سىلەرنىڭ ئوغلۇڭلار بولۇپ قالغانلىقىمدىن، سىلەرنى ئادىمىي ھايۋانلارنىڭ زۇلۇمىدىن قوغدىيالمىغانلىقىمدىن چەكسىز ئۆكۈنىمەن. مەندەك يارامسىز پەرزەنتىڭلارنى كەچۈرۈڭلار ! مەن سىلەرگە ھىچ نەرسە قىلىپ بېرەلمىدىم، سىلەرنىڭ پەرزەنتىڭلار ئۇچۇن سىڭدۈرگەن مېھنىتىڭلارنى تاكى نەپسىم توختىغىچە ئاقلىساممۇ، بۇ ھەق يولدا ئۆلسەممۇ يەنىلا ئازلىق قىلىدۇ. مەن ھەر سەھەردە سىلەرنىڭ ئامان – ئېسەنلىكىڭلار ئۇچۇن دۇئا قىلىمەن. سىلەرنىڭ ھۆرلۈكىڭلار ئۇچۇن قانداق خىزمەت قىلىشنىڭ ئىمانكلىرى ئۇستىە باش قاتۇرىمەن، بار ۋە يوق ئىماكانلارنى ئىزدەش ئۇچۇن ھەرىكەتكە ئۆتىمەن.