بىر قەترە ئىنسانلىق

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئەسەرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Bir_qetire_insanliq.mp3

 

ئەي دۇنيا بىز ئېسىڭدىمۇ، بىر قەترە ئىنسانلىق مېھرى مۇھەببىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ يارىتىلغان ئىززەت ۋە قەدىرى قىممىتى بىلەن ئادەم بولۇپ ياشاشقا نىدا قىلىۋاتقان دۇنيادا ئۇيغۇر بىز دېگەن مىللەت بار!

 

مەن دۇنيادىكى ئەڭ ئەركىن بىر دۆلەتتە تۇرۇپ، بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا، ختاينڭ جازا لاگېرلىغا ئۇيغۇر بولۇپ دۇنياغا تۆرەلگەنلىكى ئۇچۇن جىنايەتچى قارىلىپ، كۆك ئاسماننى، كۈن نۇرىنى، ئەركىن پەرۋاز قىلغان قۇشلارنى كۆرۈپ ياشاش ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان، ھەر كۈنى بىر قاچا ئاشقا زار بولغان مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر ئۆلۈم گىردابىدا ئازاب چەكمەكتە.

 

نۇرسىز بىر جۇپ كۆزلىرىدىن ئۈمىد شاملىرى پىلدىرلاپ ئۆچەي دەپ قالغان، ئۆزلىرىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان يىراق – يىراق ئەللەرگە ئۇچۇپ كەتكەن يۈرەك پارىلىرىنىڭ يېنىدا بولىشىنى، كۆزلىرى يۇمۇلغىچە ئۇلارنى بىر كۆرۈۋېلىشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسى قىلغان ئۇيغۇرنىڭ مىليونلىغان مېھرىبان ئانىلىرى جۈملىدىن مېنىڭ ئانام، مەن سىلەرنىڭ ئوغلۇڭلار بولۇپ قالغانلىقىمدىن، سىلەرنى ئادىمىي ھايۋانلارنىڭ زۇلۇمىدىن قوغدىيالمىغانلىقىمدىن چەكسىز ئۆكۈنىمەن. مەندەك يارامسىز پەرزەنتىڭلارنى كەچۈرۈڭلار ! مەن سىلەرگە ھىچ نەرسە قىلىپ بېرەلمىدىم، سىلەرنىڭ پەرزەنتىڭلار ئۇچۇن سىڭدۈرگەن مېھنىتىڭلارنى تاكى نەپسىم توختىغىچە ئاقلىساممۇ، بۇ ھەق يولدا ئۆلسەممۇ يەنىلا ئازلىق قىلىدۇ. مەن ھەر سەھەردە سىلەرنىڭ ئامان – ئېسەنلىكىڭلار ئۇچۇن دۇئا قىلىمەن. سىلەرنىڭ ھۆرلۈكىڭلار ئۇچۇن قانداق خىزمەت قىلىشنىڭ ئىمانكلىرى ئۇستىە باش قاتۇرىمەن، بار ۋە يوق ئىماكانلارنى ئىزدەش ئۇچۇن ھەرىكەتكە ئۆتىمەن.

 

ئەي ئەركىن نەپەس ئېلىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرۇم، بۈگۈن ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنى، بوۋىسى، مومىسى، ئاتىسى، ئانىسى، بالىسى، نەۋرە – چەۋرىسى …… ھەتتا ئۆلۈكلەرنىڭ قەبرىسى، ئۇيغۇلۇقنىڭ جىمىكى جىسمى ۋە روھى، ئۇيغۇرنىڭ ئۆزگە تەۋە ھەممە نەرسىسى ھالاكەت گىردابىدا ۋە ئۆلۈم ئالدىدا جان تالاشماقتا! ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ خار ۋە زەبۇن ھالىنى دۇنياغا يىغىسى بىلەن بىلدۈرۈشتىن باشقا بىر يولى قالمىدى.

 

ئەمما بىزدە ئۈمىد بار، ياراتقۇچى پەرۋەرىگارمىزنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن خۇددى نوھ ئەلەيھسسالام توپان بالاسىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن دۇنيادىكى بارلىق ھاياتلىقنىڭ ئۆرنەكلىرىنى كېمىسىدە ساقلاپ قالغاندەك، تەخمىنەن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر نەسلى خىتاينىڭ ئىبلىس چاڭگىلىدىن قېچىپ چىقىپ ئەركىن ياشىماقتا.

 

بۇ بىر مىليون چەتئەلەردىكى ئۇيغۇر نەسەبى بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۇچۇن زور بىر كۈچتۇر . ئەگەر بىز بۇ كۈچتىن تولۇق ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ، خەلقىمىز ھايات – مامات ھەلقۇمىدا تۇرۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئۇلارنىڭ ئامان – ئسەنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئۇلارنىڭ بۇ گۈزەل دۇنيادا ياشاش ھوقوقىنى قوغداش ۋە بۇنىڭ ئۇچۇن ھەممە كىىشەلمەسلىكىنى، زىدىيەلەرنى، دۇنيا قاراش، مەپكۇرە قاتارلىق پەرىقلىرىمىزنى ئارقىمىزغا تاشلاپ، بىر تەن ۋە بىر روھ بولۇپ، خەلىمىزنى قۇتقۇزۇش ئۇچۇن قولىنى قولغا تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئۆز ئارا مەدەت ۋە ئىجابىي كۈچ بېرىشتىن، ھەممىمىز ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلىشقا ئاتلىنىشتىمۇ تەخىرسىز ئىش يوقتۇر.

 

كۈنلەر، تاڭلار- تاڭلارنى قوغلاپ ئالدىراش ئۆتمەكتە، «سۇ جىم تۇرسىمۇ دۇشمەن جىم تۇرماس» دېگەندەك ختاي ئىشغالىيەتچى ھاكىمىيىتى خەلقىمىزنى ئۆلتۈرۇش سۈرئىتىنى تىزلەتمەكتە، ۋەھشىلىكىنى، ئنسانلىققا قارشى جىنايەتلىرىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرماقتا.

 

ئۇيغۇرلۇقنى ياراتقان، ياشناتقان كۈچتۈڭگۈر ئاتىلىرىمىز، ئاتا ۋارىسى بولىدىغان يىگىتلىرىمىز خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىدا چىرىمەكتە، ئۇلارنىڭ قېنى ۋە جىسمى سېتىلماقتا، روھى قۇل قىلىنماقتا، مېھرىنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە دېڭىز كەبى ئاتا قىلغان مېھرىبان ئالىملىرىمىزنىڭ يۈرەكلىرى پىغاندىن يېرىلىپ نىمجان بولماقتا، قۇلى چېۋەر، ئىشچان، ۋاپادار، گۈزەل، نومۇسچان قىزلىرىمىزنىڭ ئىپپەت نومۇسى ئاياق ئاستى قىلىنماقتا…. سەبىي بالىلىرىمىزنى ئاتا – ئانا مېھىرسىز قالدۇرۇپ، بىزدىن يىراقلاشتۇرماقتا. ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ ئاخىرقى نەپسى بىلەن مەۋجۇتلۇق ئۇچۇن جان تالاشماقتا….

 

ئاللاھ ياراتقان «ئۇيغۇر» ناملىق بۇ مۇبارەك مىللەت ھايات بولسا ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسى مەۋجۇت بولىدۇ، ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتسا، خىتاينىڭ 14مىڭدىن ئارتۇق جازا لاگېرلىرىدا مىليونلىغان خەلقىمىزنى خۇددى «چىن تۆمۈر باتۇر» چۆچىكىدىكى جادۇگەرەك خىتاي ئبلىسلىرى تاپىنىدىن قانلىرىنى شوراپ، ئاستا – ئاستا ئۆلتۈرسە، مىللەتنىڭ قېنى تۈگەيدۇ، بەستى پۈكلىنىدۇ، پۇتى سۇنىدۇ، پالەچ بولىدۇ، نىمجانلىق ئىچىدە ئۆلۈمنى كۈتىدۇ …

 

ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس، بىزنىڭ چەكلىك ئەقىل – ئىدرىكىمىز، كۈچىمىز، يانچۇقىمىزدىكى ئاقچىلىرىمىز ئەھمىيەتسىز ۋە ئۇنۈمسىز ئىشلارغا، ئۆز ئىچىمىزدىكى پىكىر ئىختىلاپلار ئىچىدە زايە بولۇپ خورىماقتا.

 

بۇ دۇنيا كۈچلۈكلەر ياشايدىغان دۇنيا، شۇڭا بۈگۈن ئۇيغۇر قان يىغلاۋاتقان بولسىمۇ ئەمما دۇنيا ئاجىزلارنىڭ كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ ياكى ئىشەنسىمۇ تەكەللۇپ بىلەن ھېسداشلىق قىلىپ قويۇشتىن ھالقىمايدۇ، خالاس. شۇڭا ئۇيغۇرنى ئۇيغۇر ئۆز قۇتقۇزمىسا، بۇنىڭ ئۇچۇن ھەممە ئۇيغۇر ھەرىكەتكە ئۆتمىسە، ئۇيغۇر بۇ قاباھەتتىن قۇتۇلالمايدۇ. ئۇيغۇر ئۇچۇن قول كۆتۈرگەن دۇئالىرىمىز ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەمەلىي ھەرىكتى بىلەن، ئەل ۋە تەن ئىشىمىز كېڭەش، ھەمكارلىق ۋە ئۆملۈك بىلەن، قىسقىسى ئۇيغۇرنىڭ كۈچى كۆپلۈك بىلەن، دۇنيا سىياسى سەھنىسىدە ئەقىل بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

 

بىزگە ، ئەگەر دۇنيا بىزنى چۈشەنمىسە، بىز ئۇلار بىزنى چۈشىنەلەيدىغان مەنتەقە بىلەن، ئەقلىمىز بىلەن گەپ قىلىدىغان، دۇنياۋى سەۋىيە ۋە كۆلەمدە ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى.

 

ئەي ياراتقۇچى ئىگىمىز، ئۇيغۇرنى سەن بىر ئۈممەت قىلىپ، سۆزلەيدىغان تىلى، ياشايدىغان كەڭ زېمىنلىرىنى ئاتا قىلىپ ياراتقان ئىدىڭ، بىزنى ئادەمنىڭ بالىسى قىلىپ ياراتتىڭ، گەرچە بىز سېنىڭ ياراملىق بالاڭ بولالمىغان بولساقمۇ بىزگە بۇ نۆۋەت قايتىدىن بىر يارىلىش پۇرسىتى بەرگىن!

 

دۇنيا، سنېىڭ باغرىڭ خۇددى ئۆز پەرزەنتلىرىنى جېنىدىنمۇ ئارتۇق كۆرىدىغان مېھرىبان ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ قوينىدەك كەڭ، مۇھەببىتىڭ تەكلىماكاننىڭ توغراقلىرىدەك چوڭقۇر. شۇ كەڭلىكىڭدە ئۇيغۇرنىڭ ئۆز تۇپرىقىدا ياشاش ھوقوقنى مەھرۇم قىلمايدىغانلىقىڭغا، سېنىڭدە بىر قەتىرە بولسىمۇ ئىنسانلىقنىڭ بارلىقىغا ئىشەنچىمىز بار.

 

مېھرىبان ئانا، مەن سېنى سغىنىپ، سېغنىپ تۇرۇپ بۇ قۇرلارنى ئازب ئىچىدە يېزىۋاتىمەن….. مەن ئىككى يىل بۇرۇن سېنڭ ئاۋازىڭىنى تېلېفوندا ئاڭلىغاندا، بىز بىر – بىرىمىزنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ ۋىدالاشقان ئىدۇق. شۇنىڭدىن كېيىن سېنىڭ تېلېفونىڭ جاۋابسىز قالدى…. سېنى ھىچ بىر زامان ئېسىمدىن چىقارمايمەن، دۇنيانىڭ ئېسىگە سەندەك بىر قەھىرمان ئانىنىڭ بارلىقىنى ئەسلىتىپ تۇرىمەن. ساڭا ۋە مىليۇنلىغان ئۇيغۇرنىڭ نامسىز قەھىرمان ئانىلرنى دۇنيا ئۇنۇتمىسۇن دەپ فىلىم ئىشلىدىم، سېنىڭ ئۆيۇڭگە ئوخشاش ئۆي ئىزدەپ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ 40 گىرادۇسلۇق تومۇز ئىسىقىدا چۆل – جەزىلەرنى ئايلاپ كەزگىنىم، تالايلىغان كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكەزگىنىم ھىچ ئىش ئەمەس….

 

سېنى ھەممىگە قادىر ئاللاھ ئامان قىلسۇن! شۇندقتىمۇ بۇ سۇئاللارنى سورىماي قانداق چىدايمەن، چۇنكى مەن سېنىڭ يۈرەك پارەڭ تۇرسام، سېنىڭ مەندىن باشقا بالاڭ بولمىسا ….. كەچۇر ئانا، مېنى كەچۇر، سېنى قوغدىيالمىدىم، مېنىڭدەك يارامسىز بالاڭنى كەچۇر!

 

چىدالمىدىم، ئانا ! مېنىڭ ئانام، بارمۇ سەن، سەن ھاياتمۇ سەن؟ ئەگەر ھايات بولساڭ ھازىرقى ھالىڭ نىچۈك سېنىڭ؟!!!

 

ھەر كۈنى سەھەردە، ھاياتىمنىڭ يېڭدىن باشلانغان دەقىقىسىدە نەپسىمنى ساڭا ئامانلىق تىلەش بىلەن باشلايمەن. كېچىلىرى ساڭا ۋە ساڭا ئوخشاش مىليۇنلىغان خەلىمنىڭ ئامانلىقىنى تىلەش بىلەن كۆزۈمنى ئۇيقۇغا زۆرلايمەن.

 

ئادالەت ۋە ھەقانىيىتىڭ ئۆلمىگەن دۇنيا، مېھرىڭنىڭ ئىسسىقلىقغا تەڭدىشى يوق دۇنيا، ئۇيغۇرنىڭمۇ سېنىڭدە ياشاش ھەققىنىڭ بارلىغىنى ھىچ ئۇنۇتمىغىن. ئۇيغۇرغا بىر قەتىرە بولسىمۇ ئىنسانلىق بەرگىن، ئۇمۇ سنىڭدەك ھۆر ئادەم بولۇپ ياشاپ باقسۇن!

 

2019- يىلى 4-ئىيۇل، لوندون.
مەنبە ئەلكۈن تورى

 


 

https://www.voanews.com/extremism-watch/film-depicts-uighur-diasporas-struggle-keep-identity

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !