ئۇيغۇر «مۈشۈك خۇمارلىرى» دىن «سىياسەت خۇمارلىرى» غىچە
-
سەھىپە:Aziz Isa Elkun، Elkun yazmilliri، Uyghur dunyasi
باھا:0 دانە
26-12-2020

فەيسبۇكتىكى قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
مەن مۈشۈككە ئامراق، بەلكىم ئارىمىزدىكى خېلە كۆپلىرىمىز مۈشۈككە ئامراقدۇرمىز چۈنكى مۈشۈك – ئۇ ئادەم مېھرىگە يېقىن جانۋار. شۇنىڭئۈچۈنمۇ مۇسۇلمانلار مۈشۈكنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەتىۋارلىق ئەرمەك ئوي جانۋىرى دەپ قاراپ، مۈشۈككە ئالاھىدە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. ۋە يەنە خىتايغا ئوخشاش بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ مۈشۈك يەيدىغان ئادەتلىرىنى يامان كۆرىدۇ ۋە نەپرەت ئوقۇيدۇ.
مۇسۇلمانلار ئۇچۇن «مۈشۈكنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئىسلام دىنى ئېتىقادى جۈملىسىدىن» ئىكەنلىكى ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان تۈركىيىنىڭ دۆلەتلىك نەشىر ئەپكارى «Daily Sabah» تور بېتىدە مۇنداق دەيدۇ:
«ھەدىسلەردە رىۋايەت قىلىنىشىچە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھسالام مۈشۈكنى بەك ياخشى كۆرەتتىكەنتۇق ۋە ›مۈشۈككە بولغان مېھىر ئېتىقادنىڭ بىر پارچىسىدۇر‹ دېيىلگەن.
Prophet Muhammad’s fondness for cats is conveyed in his hadith: «Affection for cats is part of faith» (Maqasid al-Hasanah, al-Sakhawi
دېمەك مۈشۈكنى ياخشى كۆرۈش بىر ئىنساننىڭ ئېتىقادى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇھۇد ئۇرۇشىدا مۇھەممەد ئەلەيھسالامنىڭ ئاق ۋە قارا ئىككى ئابيسسىنىئان مۈشۈكلىرى بولۇپ، بۇ مۈشۈكلەر ئاسلانلىرىنى ئېمىتىۋاتاتتى. شۇ سەۋەپتىن ئەسكەرلىرىنىڭ يورۇش لىنىيىسىنى ئۆزگەرتتى . ئۇ قايتىش سەپىرىدە بۇ مۈشۈكنى بېقىۋالدى ۋە ئۇنىڭغا ›مۇېززا‹ دەپ ئىسىم قويدى.»
بەرھەق، ئەمدى ئۆز پارىڭىمىزغا كەلسەك، مېنىڭمۇ ئىككى مۈشۈكۇم بار، بىرسىنىڭ ئىسمى تىگى (يولۋاس)، يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى تاشۋاي (تاش)، مەن بۇ ئىككى مۈشۈكنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن. مەن كەچلىرى غەمكىن بولۇپ، دىۋاندا يانپاش ئولتۇرۇپ قالغىنىمدا بۇ مۈشۈكلەر قۇچۇقۇمغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ دە پۇرۇلداپ بۇخاراغا كېتىشىدۇ. ئادەملەردىن زىنھار كەلمىگەن ئەمما بۇ جانۋارلاردىن كېلىۋاتقان ساداقەت ۋە مېھرى مۇھەببەت مۇزلىغان قەلبىمنى ۋىللىدە ئىللىتىشقا باشلايدۇ…