ئىسىم ماجىراسى

“ئىسىمئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
(ھېكايە)
 

ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun_Essay_Audio/Isim_majirasi.mp3

 

ھېكايىنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 
چوڭلارنىڭ دەپ بېرىشىچە بۇرۇنقى زامانلاردا بۇ مەھەللىنىڭ سىرتىدا ناھايىتى سۇيى مول بىر دەريا بولغان ئىكەن. ئادەملەرنىڭ كۆپىيىشى، زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ ئېقىنى مول دەريا ئېقىشتىن توختاپ، ئاستا-ئاستا قۇرۇپ كېتىپتۇ. يۇز كېلومىتىرلەرچە خۇددى يىلان تولغانغاندەك ئىز قالدۇرغان بۇ ئەزىم دەريادا سۇ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، دەريا بويلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشاشلا ماكان تۇتۇپ ياشاپ كەلگەن كىيىنكى ئەۋلادلار تەرىپىدىن «قۇرۇق دەريا» دەپ ئاتىلىپتۇ. بۇ قۇرۇق دەريا ھايات ۋاقتىدا ئىككى قاسنىقىغا قالدۇرۇپ كەتكەن لاي-لاتقىلار شاماللارنىڭ ئۇچۇرتۇپ كۆچۈرۈشى بىلەن دەريا قېشىنى بويلاپ چوڭ-كىچىك دۆڭلەر پەيدا بولۇپتۇ. بۇ دەريا قېشىدا ياشاپ كەلگەن ئەل ئۆز يۇرتلىرىنىڭ ناملىرىنى بۇرۇن «چوڭ دەريا قاش»، «ئورتا دەريا قاش» ۋە «كىچىك دەريا قاش» دەپ پەرقلەندۈرۈپ ئاتاپ كەلگەن بولسا، دەريا قۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن يۇرتلارنىڭ ئىسىملىرىمۇ ئاستا ـ ئاستا «چوڭ دوڭ مەھەللە»، «ئورتا دوڭ مەھەللە» ۋە «كىچىك دوڭ مەھەللە» لەرگە ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ. سىز ئوقۇۋاتقان بۇ ھېكايە مانا مۇشۇ «كىچىك دوڭ مەھەللە» يېزىسىدا يۈزبەرگەن ئىدى.