سەھەر تۇيغۇسى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 
2015 – يىلى 7 – نويابىر. لوندون
 

ئەنجۇر

بۈگۈنكى كۈن شېكەر شەنبە، بىر ھەپتىلىك ئىش ئالدىراشلىقى تۈگەپ ئارام ئالىدىغان كۈن. مەھەللىمىزنىڭ ئەتراپنى ئۈستىدىكى يېشىل يوپۇرماقلىرى سارغىيىپ چۈشۈپ يېرىم يالىڭاچ ھالغا كېلىپ قالغان ئورمان قاپلىغان. قارىماققا بۇ كۆرۈنۇش كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلسىمۇ ئەمما كۈز كۈنلىرىنىڭ سەھەردىكى ساپ ھاۋاسى ئېلىكترونلۇق رەقەملەر بىلەن تولۇپ خامۇش بولۇپ كەتكەن بېشىمىزنى سەگىتىپ ئاز ـ تولا راھەت بېغىشلايدۇ. مەن ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى كىچىك باغچىغا چىقىپ ھېچكىم ھەق تەلەپ قىلـمايلىغان ساپ ھاۋادىن قانغۇچە نەپەس ئېلىۋاتىمەن…

 
قەدەملىرىم ئاستىغا سارغايغان يۇپۇرماقلار پايانداز سالغان…مەن ھەر يىلى كۆز ئالدىمدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بۇ شەپقەتسىز مەنزىرىگە سۈكۈت ئىچىدە سوغۇق نەزەر تاشلايمەن. جانغا بەخىش باھاردىن، راھەت پەيزى يازدىن كېيىن تەكرار كېلىپ تۇرىدىغان زىمىستان قىشتىن بۇرۇنقى مېنىڭ بۇ كىچىك باغچامدىكى تەبىئەتنىڭ ھايات ـ ماماتقا تولغان ئېچىنىشلىق ئورۇن ئالـمىشىشلىرى، ماڭا ياپ ـ يېشىللىقتىن رەڭگى سارغىيىپ ۋاقىتسىز يەر باغاشلىغان، خۇددى مۇشۇ خازانلارغا ئوخشاش ئۆز مەيلىمسىز كېتىپ بارغان ئۆمۈر باھارىمنى ئېسىمگە سالسا، بۇ كۆرۈنۇش ماڭا يەنە بالىلىق ۋاقىتلىرىمدا بوۋام ئېيتىپ بېرىدىغان زەپەر شادلىقىدىن كېيىن تراگېدىيە بىلەن ئاخىرلىشىدىغان قەھرىمانلىق قىسسەلىرىنى ياد ئەتكۈزۇدۇ …..

 
بەلكىم تەبىئەتنىڭ يېشىلـمەس سىرلىرى بىلەن ئىنساننىڭ ئالدىدىن كۆرۇلـمەس ھايات قىسمەتلىرى ئۆز ـ ئارا باغلىنىپ كەتكەن بولسا كېرەك. بۇ مەنزىرە يەنە ماڭا ئۆز ۋاقىتلىرىدا بەرگىللىرىدە قىپ ـ قىزىل گۈللەرنى ئېچىلدۇرۇپ گۈزەللىك ۋە مۇھەببەتنىڭ بابىدا ئاشىق بۇلبۇللارنى مەھلىيا قىلغان، ئەمدىلىكتە بولسا قەدىرسىزلىك بىلەن تۇپراققا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرغان يۇپۇرماقلارنىڭ، خۇددى جان ھالقۇمىدا ئۆز گەۋدىسىنى يېپىنچە قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى نەپسىگىچە پىنھان بىخلىنىپ چىقىۋاتقان يۇمران قىش گۈللىرىنى ئۈششۈكتىن قوغداۋاتقان بىر ھالەتنى نامايان قىلىدۇ….. شۇنداق، گەرچە تەبىئەتنىڭ تەبىئىتى تەبىئي، ياۋايى بولسىمۇ يەنىلا ئۇنىڭدا ھاياتلىق مېھرى مۇھەببەت بىلەن داۋام ئېتىدۇ… شۇڭا بىز ھەمىشە تەبىئەتنى سۆيۈملۈك، مېھرىبان ئانىمىزغا ئوخشىتىپ تەرىپلەيمىز ئەمەسمۇ؟

 
بۇ دەقىقىلەردە شېرىن بىر ئوت يۈرىكىمدە كۆيۈشكە باشلىدى… يوشۇرالمايمەن، قەلبىمدە مېنىڭ مېھرىبانلىقتا تەڭدىشى يوق سۆيۈملۈك ئانامنى سېغىنىش ئوتى گۈلخان بولۇپ كۆيۈۋاتاتتى. بۇ مېھرىبان ئانا ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە يىرقتىكى يۈرىكى تاش يالغۇز ئوغلىنى قانچىلىك سېغىنغاندۇ ھە ؟ بۇ سېغىنىشنى پەقەت قەدىردان ئانام بىر ئۆزى ۋە ياراتقۇچى ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىم بىلـمەيتى. مەن پەقەت شۇنداق دەپ تەسەۋۇرلا قىلالايتتىم ، خالاس.

 
ئادىتىم بويىچە تېلېفوندا سۆزلەشمىگىلى ئىككى ھەپتە بولۇپ قالغان سۆيۈملۈك ئانامغا تېلېفۇن قىلىش ئۈچۈن ئۆيگە ئالدىراش كىرىپ كەتتىم.

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !