قۇم قىزى

Qum qizi

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)

ئەگەر بۇ ئاۋاز يانفوندا قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن بىۋاستە ئاڭلاڭ: Qum_qizi.mp3


ھايات ئاخىرقى بېكىتتە
مۇھەببەتكە ئۇلتۇماتۇم تۇتۇۋاتىدۇ
سېنىڭ يولغا چىقىشىڭ مۇقەررەر
بوۋام كارۋىنى كەزگەن بۇ يوللار
يەنە كىملەرنىدۇر كۈتۈۋاتىدۇ.
قىسمىتى ھەممىمىزنىڭ دوغا چۈشكەن ـ
ئالدىراش سەپەرگە كېتىۋاتىمىز
رېلىس ئۇستىدە تەقدىرىمىز چۆگىلەۋاتىدۇ ……..

 

بارسا كېلەربۇ يولغا
مەن چىقىش ئالدىدا
مۇھەببىتىمىزگە ئەپسۇن ئوقىغان
ھىجران گۈلى تۇتۇپ قۇم قىزى ـ
«قاچان كېلىسەن يايرىم» دەپ ـ
مەندىن سورىغان .

 

تالاي يامغۇر ياققاندىن كېيىن
«بارسا كېلەر بۇ يوللار ـ
بارسا كەلـمەس» يولغا ئۆزگۇرۇۋاتىدۇ
ساڭا راست سۆزلەيمەن
مەندىكى سەن ئۆزۈمگە قوشۇلۇپ
ۋاقىتنىڭ قۇم بارخانلىرىغا
ئاستا ـ ئاستا كومۇلىۋاتدۇ
پۈتلىرىمىز مەڭگۈلۈك ئۆلۇشكە ـ
قاراپ كېتىۋاتىدۇ ….

 

مەن پۈتۈنلەي ئۆلۇشنى
«قۇمنىڭ يەنە چېچەكلىشىنى
تۆگە قۇيرۇقىنىڭ يەرگە تېگىشنى» ـ
ئەمدى كۈتۈپ ئولتۇرالـمايمەن …
چۈنكى بوران ھەممىنى ئۇچۇرتۇپ كېتىدۇ.
ۋىسال شەربىتى ئىچىدىغان ھېلىقى جام
يۇلغۇن تۇۋىگە كۆمۇلگەن
ئالدىراپ بىز بارمىساق ئۇ يەرگە
قاغا ـ قوزغۇنلار بىر كۈنى
ئۇنىڭ ئۈستىدە ياڭاق چاقىدۇ!

 

ئۇلۇغ ئۇچرىشىشنىڭ كۈنى ئاز قالدى
يۈرەكلىرىمىز بىلىدۇ
سېنى دائىم چۈشەپ كەلدىىم ….
ھېچكىمگە بىلدۈرمەي پىنھان
تەشنالىق زارىمنى يوشۇرۇپ
ھەر كۈننى ساناپ كەلدىم ….

 

قۇم قىزى
بۈگۈنكى ئايرىلىشىمىز ئەلەملىك بولسىمۇ
يۈرىكىمدىن سېنى ياد ئېتىمەن.
ھەر نەپىسىمگە،
ھەر قەدمىمگە سېنى قاتىمەن …
شۇ كۈننى تەخىرسىز كۈتىمەن .

 

 

2015 ـ يىلى 1 ـ دېكابىر، لوندون

 

 

مەنبە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تورى

http://www.azizisa.org/qum_qizi

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !