قارا قاغا ۋە ئاق قاغا

Qara qagha we aq qaghaئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

شېئىرنى ئاڭلاش: Aq_qagha_qara_qagha.mp3


( بىر شائىرەنىڭ شېئرنى ئوقۇغاندىن كېيىن)
 

قارا قاغا-
ئاق قاغا ۋە نامەلۇم قاغا…
ياشىغان ماكانىمغا كەل!
يېنىشىڭدا ئېلىپ كەت –
يۇلغۇنلۇققا كۆمۈۋەت
سەن تۆنۈگۈن ئوغرىلىغان –
تۇخۇم ئەمەس –
ئىسمى ئۇنىڭ ھەسىرەت!
 
نازۇك بىر دىل-
چولپان بىلەن تەڭ ئۆلىدۇ
كۈن پېتىشتا كۈلىدۇ.
كېچىسى تىنجىماس
كونا خاماندا شامالجان
داپ ئۇسۇلىغا
سۆيگىنىنى كۈتىدۇ!
 
قارا قاغا –
يىراقلارغا ئۇچۇپ كەت ئەبەت.
‘بارسا كەلمەس’ يولنى تاللاپ
ئۇنتۇما ئېلىۋېلىشنى –
قانىتىڭغا
تۈنۈگۈننىڭ ھەسرىتىنى باغلاپ.
ئەجەپ ئەمەس
مۇڭدا قېتىپ قالغان جاڭگالدىن
بىر مەھەل يوقالسا مۇسىبەت!
 
مەيلىم مېنىڭ ھەم ئەمەس
كېلەمدۇ شۇنداق بىر كۇن
قاغىلار ئاۋازى ئاڭلانمايدىغان
قۇزغۇنلار ئاسمىنىڭدا پەرۋاز قىلمايدىغان
تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ –
قوۋزاقتىن يىپ ئېتىپ
نەۋرەم بىلەن
گاھىدا مومىيىم بىلەن
مەن “مۆكۇ – مۆكۈلەڭ ” ئوينايدىغان!
 
كېلىدۇ ئۇزاق ئەمەس –
تال چىۋىق ئۈستۈرگەن قېرى سۈگەت –
شاخلىرى مازارغا بولىدۇ شادا.
قەبرە بېشىنى –
قاغا – قۇزغۇنلار ماكان قىلىدۇ.
چۆل كۈيىگە نەغمە چېلىنىدۇ
ئۈچ باخشىنىڭ كۆلەڭگۇسى….
ياڭرايدۇ قايتىدىن ناۋا
شۇ چاغ روھتىن كېلىدۇ سادا!
 
كونا مازاردا قىسمەت –
ھەممىسى ئۇنتۇلمىغان ھەقىقەت.
كۆيۈۋاتىدۇ مىڭ يىللىق توغراق كۆتىگى
بىز سۆيگەن – سۆيۇلگەن
زېمىننى باغاچلاپ ئەبەت!
 
شۇڭا خورلانغان روھ شاتلىنىدۇ …
يانتاق چۆل گۈلى بولۇپ
ھەر يىلى باھار كەلسىە
ئۈستى چېچەكلەرگە پۈركىنىدۇ!
 
ئاق قاغا ۋە نامەلۇم قاغا
دىل سىرىم ساڭا بولدى بايان –
چولپان يورۇغاندا
بىر چۈش كۆرۈپتىمەن …
ئىزتىراپقا شۇنداق چوڭقۇر پېتىپتىمەن
كۆك تەڭرىم قۇياش بىلەن دىدارلاشقىدەك –
سەبىرىگە گۆل ئارمىنىم كۆتەردى شۇئان غەلىيان …
ئېھ ئۇزاقتىكى يار
تېخى بىز ئۇنتۇلۇشماپتۇق –
سېنى كۆرمەككە يول ئاپتىمەن!
 
ئاق قاغا ۋە نامەلۇم قاغا
بۈگۈن كۈن پېتىشتىن –
توخۇلار قونداققا چىقىشتىن بۇرۇن كەل
قاقىلداشلىرىڭنى ئاڭلايدۇ –
دىلىڭنى – تىلىڭنى چۈشىنىدىغان
سەن بىلەن بىر جاڭگالدا
ھۇقۇش بىلەن ھىچ خۇشى قالمىغان
قۇملۇقتىكى بۈيۈك ئەل!
 
2015- يىلى، 25- يانۋار، لوندون.
 
 
شېئرنى رەسىم ھالىتىدە ئوقۇش ۋە ساقلىۋېلىز مۇقىم ئ‍ادرېسى:
http://www.azizisa.org/elkun_poem/Qara_we_aq_qagha_l.jpg
 
بۇ شېئر تۆۋەندىكى تور سەھىپىللىرىدە ئېلان قىلىندى:
http://bbs.bagdax.cn/thread-28120-1-1.html
http://bbs.izdinix.com/thread-62085-1-1.html

 
http://www.azizisa.org/qara_qagha_we_aq_qagha
 
 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !