ئۆتنە ئالەم

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئۆمۈرى قىسقا ھاياتنىڭ ئۆتۈۋېرىدۇ،
يىللار ئالدىراش قوغلۇشۇپ كېتىۋېرىدۇ.
سەن توغرا ياكى خاتا ھامىنى بىر كۈن،
ئەل تارازىسى ھەممىگە جاۋاپ بېرىدۇ.

 

ھەيرانمەن ئارىمىزدىكى ئادەملەردىن،
سۇخەنگە كۆڭلى مەپتۇن نادانلاردىن.
ئېتەلمەس پەرق ئۆزىنى ۋە ئۆزگىلەردىن،
قەلبى نابۇت، روھى قۇل زەئىپلەردىن.

 

ئىتلار قاۋىغان، قاۋىدى، قاۋاۋېرىدۇ.
يوق پەرۋايىم، يولۇمدا مېڭىۋېرىمەن.
يولۇچى بۈيۈك كارۋانغا قوشۇلغان –
بارسا كەلمەس بۇ سەپتە كېتىۋېرىمەن…

 

بۇ ھايات بىرمۇ – بىر، ھەممىنى تاسقايدۇ، 
ئەخلەت كىم، دانىسى كىم، قويماي ئىلغايدۇ.
ۋىجدان پاكلىقى ھەممىدىن راھەت دۇنيا –
«ئەبگارلار» ھىچ بىر زامان بۇنى بىلمەيدۇ!

 

قاۋىغىن توختىماي، ئەي كوچا ئىتلىرى،
«بىر ئىت قاۋىسا، مىڭى بىلمەي قاۋايدۇ»!
كەتتىم كارۋان بىلەن ناخشامنى توۋلاپ…
بۇ «ئۆتنە ئالەم» ، ھەققىم يەردە قالمايدۇ!

 

2014- يىلى، 9- نويابىر، لوندون.

 
 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !