كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئۇيغۇر كونسېرتى
-
سەھىپە:Elkun xatirisi، Uyghur dunyasi، Uyghur muzikisi
باھا:0 دانە
25-02-2016
ئۇيغۇر ئۈچۈن يەنە بىر خوش خەۋەر:
The London Uyghur Ensemble performs at the Kellaway Concerts in St Catharine’s College, University of Cambridge, Friday 26 February 2016.
دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ دەرىجىسى بويىچە 2- ئورۇندا تۇرىدىغان شۆھرىتى دۇنياغا مەشھۇر بولغان بۈيۈك بېرتانىيە ئەنگلىيە كىنەزلىكى كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى (St Catharine College, University of Cambridge) سەينت كەسېرىن ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2016- يىلى 26- فېۋرال سائەت 18دىن 19 غىچە مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر سائەت ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرنىڭ نادىر ئەنئەنىۋىي ناخشا – مۇزىكىلىرىدىن مەخسۇس كونسېرت بېرىدۇ.
لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2004- يىلى لوندوندا قۇرۇلغاندىن بۇيان بۈيۈك بېرتانىيەنى مەركەز قىلغان ھالدا غەربىي ياۋروپا ئەللىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان يىرىك مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان ئەنئەنىۋىي ناخشا – مۇزىكىلىرىنى سەھنىلەردە جانلىق نامايان قىلىش ئارقىلىق بۈگۈنكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنى تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇر خەلقى بىلەن غەرب خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت دىئالوگى قۇرۇش، مەدەنىيەتلەر ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزلىرىگە تۇپ نىشان قىلىپ
ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئىدى. مانا شۇ تېنىمسىز تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى پەقەت كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدىلا بۇنىڭدىن بۇرۇن 3 قېتىم مەخسۇس ئۇيغۇر سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇ نۆۋەتتىكىسى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ 4- قېتىم كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدە كونسېرت بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
گەرچە ئەتە كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدە بولىدىغان مەزكۇر كونسېرتقا ئۇيغۇر تاماشىبىنلار قاتنىشالمىسىمۇ (بەلكىم ئىككى ياكى ئۇچ ئۇيغۇر قاتنىشىشى مۇمكىن) ئەمما بۇ پائالىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ئانا ۋەتەندىن يىراق ئەللەردە ئۇيغۇر ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇپ ئېلىپ بارغانلىقى ۋە بېرتانىيەلىكلەرگە يەنە بىر قېتىم تەكرار «بۇ ئۇيغۇرنىڭ مۇزىكىسى» دەپ جاراڭلىق جاكارلىشى بىلەن ئۆزگىچە ئەھمىيەتلەرنى ياراتىدۇ، ئەلبەتتە.
مەن ئەلكۈن ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن ئەتە كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدە بولىدىغان ئۇيغۇر سەنئەت كېچىلىكىنىڭ تولۇق مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن!
ھۆرمەت بىلەن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن.
كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كونسېرت ھەققىدە تارقاتقان ئېلانى:
http://www.caths.cam.ac.uk/about-us/music/kellaway-concerts