كۈزدىكى سېغىنىش
-
سەھىپە:Elkun she'irliri
باھا:0 دانە
16-10-2017
يەردە ياپراق ئۆلۈمنى كۈتكەن بۇ سەھەر،
جۇدالىق شامىلى غۇيۇلداپ ياندىن ئۆتەر.
بىر توپ قاغا دەرەخ ئۇستىدە ھازىدار …
ئاھ يار، سېغىنىشىڭ بۈگۈن يۈرەككە يېتەر!
سېغىزخان تاقلاپ يولۇمدىن توغرا ئۆتتى،
ئاڭلارمەنمۇ بىر خوش-خەۋەر ياردىن شۇئان.
مەن كۈلسەم دەقىقە ھايات لەززىتىدىن –
بولماسمىدى ھىجران غايىپ ئارىدىن پىنھان ؟!
«كۈز- سەن ھىجران ئەمەس» دەپ نەزمە يازساممۇ،
ياپراق ئاياق ئاستىدا چەيلىنىپ ياتتى.
باھارنى كۈز بىلەن تەڭ چىللاپ باقساممۇ،
قىش دېدى «مەنىسىز باھار كەلمەسكە كەتتى!».
كەتمەكچى يىل بىلەن تەڭ ئالتۇن كۈز بۈگۈن،
بىز ئۇچراشقان شۇ كۈننى ئۆتمۈشكە تاشلاپ.
بىلمەيمەن يەنە نەچچە كۈز ئۆتەر بەلكىم،
كەلمىسەڭ قىشتىن بۇرۇن باھارنى باشلاپ؟!
مەيلىمسىز ھىجرانغا قۇل مەھكۇم مۇھەببەت،
ۋىسال كۈننى كۈتىدۇ تاقەتسىز پەقەت.
كۈز رەڭگىدەك سارغايدى ئەلكۈن يۈرىكى،
ياشامدۇ كۆيگەن ئوتنى يوشۇرۇپ ئەبەد؟!
17- ئۆكتەبىر (01:08) 2017- يىلى. لوندون