ھايات بېكىتى

Hayat_bekitiئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

كۈن پارلىماستا
مەھەللىنى قىزىل رەڭدە بويىغان قۇياش –
كۆك ئاسماننى قىزارتقان.
ئاخشام بالدۇر چاقنىغان چولپان…
قەيەرگىدۇ يوقىغان.

 
تىنماس ھايات قۇتراتقۇسى
مەن نىمكەش ئالدىراش
جان باقماققا شەھەرگە قاتىرىغا.
پويىز بېكىتىگە قاراپ چاپقان…
كۆڭلى سۇنۇق كېچە ئۇيقۇسى
غايىپ ئاخشام يۇلتۇزى
پويىز ۋاگونىدا مەن بىللە تەڭ مۈگدىگەن.
كۆزۈمدە ئۇيۇپ قالغىنى پەقەت –
بىر تامچە ھەسىرەت يېشى!

 
سۇلغۇن قايتتىم
بىر كۈنلۈك ئالماننى تۈگىتىپ،
سەھەر ۋە ئاخشامنىڭ پەرقى يوق شەھەردىن –
ئاسمىنى قىزىرىپلا تۇرىدىغان مەھەللەمگە.
ئەتە يەنە شۇنداق ماڭىمەن
شۇنداق قايتىمەن….
سەپرىمدىكى ھاياتنىڭ بۇ بېكىتىگە.

 
رەڭدار ئاسمىنىدا،
ماڭا تەۋە تۇيغۇم ئىنتىزار.
سەھەردە قىزىرىدۇ قۇياش بىلەن تەڭ
چۈشتە ھىجران يامغۇرى ياغار.
جۇدالىق شامىلى كەچتە چىقار.
گاھ ئاخشىمى نازىن چولپان…
گاھ يۇلتۇز بولۇپ ئۇ پارلار.
خۇددى يېزىلىپ يېرىمى قالغان
پۈتمىگەن قىسسىەگە ئوخشاش –
بۇ كۈنلەر ماڭا تەكرار…

 
2014- يىلى. 12- نويابىر. لوندون.

 
 
شېئرنى رەسىم ھالىتىدە ئوقۇش ۋە ساقلىۋېلىش مۇقىم ئ‍ادرېسى:
http://www.azizisa.org/elkun_poem/Hayat_bekiti_l.jpg

 
مەنبە:
http://www.azizisa.org/hayat_bekiti
 
 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !