ئەلكۈننىڭ سۈرىتى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
Elkunning suriti

شېئىرنى ئاڭلاش: Elkunning_suriti.mp3

شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 
(ياشلىق قەدمىمنى بېسىشنىڭ ئالدىدا مۇڭلۇق خىياللار قاينىمىغا چوككەن بىر بالا ئىدىم… 1985-يىلى سېنتەبىر، شايار)
 

ياشلىققا قەدىمىم يىتىشتىن بۇرۇن،

خىيالچان بالىتىم مۇڭغا چۆككەن.

كېچە يۇلتۇزىدىن بەخىت ساناپ،

سەھەردە قۇياش بىلەن تەڭ ئۆسكەن.
 
شۇنداق بالىتىم ھەممىگە قىزغىن ،
«نېمىشقا؟» دېگەن سۆز ماڭا ھەمراھ…
گاھىدا ئاتاجان تىرىكىپ كەتسە،
چۇشنەتتىم دۇنيانى تىلسىم جەڭگاھ…
 
چوڭ بولدۇم بوۋام ھېكايىسىدىن.
توت كۈندە يېشىم ياشلىققا يەتتى.
قەلبىمدە بىخ سۇرۇپ بولغۇچە تۇيغۇ،
سەبىي مەنزىلىم كەلمەسكە كەتتى…
 
ئۇچىراپ قالدى بۇ سۈرەت ماڭا،
كۆرۇنەر تۇرقىدىن شاش بىر بالا.
ئۇ ئىدى يېرىم ئەسىرلىك ئەلكۈن –
يۈركىدە ئەلكۈن غەمى ئەڭ تولا…
 
يېتەركەن ئەقىلگە قىرانلىق يەتسە،
قالار ئىكەن سۈرەتتەك مەنزىل ھامان.
ياشنار ئىكەن ئادەم ئۆمىرى مېھنەتتە،
ئەجىرىڭ بىلەن بولسا بوستان يۇرت- ماكان!
 
2017 – يىلى 20- فېۋرال. لوندوندا يېزىلدى
 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !