بوغۇلغان ھېسلار

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

 

(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)

ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلاڭ:


http://www.azizisa.org/elkun_poem/Boghulghan_heslar.mp3

 

ئىزگۇ ھېسلىرىم كېچە ئاسمىنىدا ،

ئوزىدۇ چېكى يوق ئالەمگە پىنھان .

ئىزدەپ يۇلتۇزدىن ئۆزىگە ھەمراھ ،

ئۆرتەيدۇ يۈرەكنى تۇغۇلغان ئارمان ………..

 

ئۇچراشتىم تەڭقىستا ئاي بىلەنمۇ ،

ئېگىلدى ئاي قىزچاق»ئەسسالام!»دەپ .

مۇڭلانغان يۈرەكنى سېزىپ قالدىمۇ ؟!

تەبەسسۇم ئەيلىدى»سىردىشايلى!»دەپ .

 

«كۆرۈشكە نېسىپ بولۇپتۇ بۈگۈن ،

كېلىپسىز قەدىمىي تارىمدىن مېھمان.

ياشامسىز يەنىلا سايەم ئاستىدا ،

ئۇخلامدۇ ھازىرمۇ تەكلىماكان ؟؟؟ «

 

بوغۇلدى ھېسلىرىم كەلدىم ئۆزۈمگە ،

قالدۇرۇپ جاۋابسىز ئاي قىز سۆزىنى .

سانجىلدى زەپ ئاچچىق دەردلىك يۈرەككە ،

كېتىۋالدىم سايىسىدە يۇمۇپ كۆزۈمنى …

 

1998- يىلى 12 – دېكابىر. ئاقسۇدا يېزىلدى

 
 

* * * * *

 

Blocked Emotions

 

Aziz Isa Elkun

 

Quiet and solitary under the night sky,

Swimming alone towards the limitless universe.

Seeking my soul mate amongst the stars,

The birth of hope sears my heart.

 

Embarrassed, I met with the moon,

The moon girl greeted me, “Salam” she said.

Had she seen my melancholy heart?

Gently smiling she said, “Shall we talk?”

 

“At last we have managed to meet,

My guest from the ancient Tarim basin,

Are you still alive under my light?

Is the Taklimakan desert still sleeping?”

 

My blocked emotions returned to me,

I left the moon girl’s questions unanswered.

Bitter pain pierced my heart,

I left, eyes cast down in the twilight.

 

Written in Aqsu on 12th December 1998.

 
 

 
 

بۇ شېئىر ئېنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىندى، ئۇلىنىش:

 

http://www.azizisa.org/en/blocked-emotions

 

شېئىرنىڭ تۈرۈكچە تەرجىمىسىنى ئوقۇڭ ، ئۇلىنىش:

 

http://www.azizisa.org/en/tikanan-hisler

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !