“گۈلخاندىن 101 كېچە”

گۈلخاندىن 101 كېچە

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 

 

ئۇزاقتىكى ئەمما تەكلىماكانغا ئەڭ يېقىن ئۇدۇن دىيارىنىڭ كېچىسىدە بىر گۈلخان ياندى! بۇ گۈلخان قەدىمىي يۇرت ـ بۈگۈنكى خوتەن دىيارىدا ياشاۋاتقان مېھرىبان، جاپاكەش، ئۇيغۇرنىڭ ئوتى ۋە سۇيىدە كېچە ـ كۈندۈز كۆيۈۋاتقان ئۇيغۇر خانىم ـ قىزلىرىنىڭ قەلبى ئۈچۈن يېقىلغان ئىدى! گۈلخان ئادەتتە ئىككى خىل مۇھىتتا ۋە مەقسەتتە يېقىلىدۇ: بىرىنچىسى كېچىدىكى قاراڭغۇلۇقنى يۇرۇق قىلىش ئۈچۈن، ئىككىنچىسى بولسا مۇزلىغان يۈرەكلەرگە، سوغۇقتىن تىترىگەن تەنىلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىش ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ گۈلخانىمىز كۆيدى… گۈلخان بىز ھەممىمىزگە ئوخشاش كۈندۈزلىرى جاننى باقىدىغان ھايات ئۈچۈن مېھنەت تۆكسە كېچىلىرى تۈندە يانغان گۈلخان بولۇپ يۇرۇق كۆرۈشنى ئىستىگەن خەلقىگە، جۈملىدىن ناتىۋان ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ قەلبىگە نۇرلار ياقتى!

 

گەرچە مەن يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان كۆپىنچە تور ئارقىلىق گۈلخاننىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ كەلگەن بولساممۇ ئەمما ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان مۇھەببەت، نەپرەت ۋە ھاياتلىق سىمفونىيىسى ئەركىن، ساپ ۋە كۈچلۈك ھېسىي تۇيغۇلار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ نەقەدەر بىر گۈزەل تىل ئىكەنلىكىنى ھەر بىر مىسرالىرىدا نامايەن قىلىپ تۇرىدىغان شېئىرلىرى بىلەن مېنىڭ ئىزچىل دىققىتىمنى تارتىپ كەلگەن ئىدى. بۇ بايانلىرىمنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە گۈلخاننىڭ 98 ـ كېچە يازغان «قارغالغۇچى ئايال» ناملىق شېئىرىسىنى مىسال قىلىپ ئۆتىمەن: