باھارىم سېنى كەل دېدىم

“Baharim

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئەسەرنى بىۋاستە ئ‍اڭلاش: Baharim_seni_kel_didim.mp3

 
باھار گۈلى نارگىز ناز بىلەن ئېچىلغاندا،
باغچامغا بۇلبۇل كېلىپ بەزمىگە قونغاندا،
ئاق لىباسستىن ئۆرۈك چېچىكى رومال ياپقاندا،
زار كۈتكەن باھارىم، بۈگۈن سېنى كەل دېدىم.
 
قىراۋلىق پەلەك تەبەسسۇم قۇياش تۇغقاندا،
پەسىل تۇرنىللىرى باھار ئىزدەپ ئۇچقاندا.
زەينەپمۇ مۇڭغا پېتىپ يارنى سېغىنغاندا،
زار كۈتكەن باھارىم، بۈگۈن سېنى كەل دېدىم.
 
قۇياش نۇرى جىلۋە تۆكۈپ پارلىغان سەھەر،
ئەيلەر كۆڭۈلنى ئىنتىزار خەستە شۇ قەدەر؟!
مەن رازى باھارغا گىياھ بوپ كۆكلىسەم ئەگەر،
زار كۈتكەن باھارىم، بۈگۈن سېنى كەل دېدىم.
 
ئېتىزدا مايسىلار كۆكىرىپ ياشارغاندا،
بوۋام تىككەن تېرەكلەر پوتلا تاشلىغاندا،
ھۆپۈپ كېلىپ تام ئۈستىدە ئۇۋا تۇتقاندا،
زار كۈتكەن باھارىم، بۈگۈن سېنى كەل دېدىم.
 
ھايات مەنزىلى ھەر باھار يېڭى باشلىنار،
سوغۇقتا مۇزلىغان كۆڭۈل ئىسسىپ ئىللىنار،
نورۇز كۆركىدە ئۇيغۇرنىڭ روھى جانلىنار،
زار كۈتكەن باھارىم، بۈگۈن سېنى كەل دېدىم.
 
سېغىنىشتىن تارىمدا تورغاي باھار كۈيلەر،
مۇزلۇق تەڭرىتاغ كۆزىدىن ئاقار ئۈنچىلەر،
ھەر گىياھ ئىلىمدە قىشتىن زارلىق ياش تۆكەر،
شۇڭا باھارىم، بۈگۈن سېنى كەلسۇن دېدىم.
 
ئاشىقلىقتىن مەن توختىماي باھار چىللايمەن،
قارا قىش كەلمەسكە ئەبەد كەتسىكەن دەيمەن،
ھەر كۈنى ۋەتەن ساڭا ئوتلۇق سالام يوللايمەن …
زار كۈتكەن باھارىم، سېنى بىر كەلسۇن دېدىم.
 
مۇھەببەت ھىجرانى ۋەتەن دەپ ئۆكسىگەندە،
ئانام ئەتكەن نورۇز ئېشى ئەسىكە يەتكەندە،
ئەلكۈن قەلبى ھەر باھاردا يېنىپ كۆيگەندە،
زار كۈتكەن باھارىم، بۈگۈن سېنى كەل دېدىم!
 
6-مارت2017- يىلى، لوندون.

 
 

 بۇ شېئىر ئېنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. ئۇلنىش ئادېرىسى:
http://www.azizisa.org/en/i-ask-spring-to-come
 
  شېئىرنى ئاۋازلىق ئاڭلاش:
http://www.azizisa.org/elkun_poem/Baharim_seni_kel_didim.mp3
 
شېئىرنى سۈرەت شەكلىدە ئوقۇش ۋە ساقلىۋېلىش ئادېرىسى:
http://www.azizisa.org/elkun_poem/Bahar_seni_kel_didim.jpg

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !