ۋەتەن – مۇقەددەس جەننەت!
-
سەھىپە:Elkun she'irliri، Ün
باھا:0 دانە
24-10-2015
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)
ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلاڭ:
http://www.azizisa.org/elkun_poem/Weten_muqeddes_jennet.mp3
بىزنى جۇدا قىلغان
ۋاقىتسىز ئايرىلىشتىن
كۆپ يىللا ياشىدىم يۈرىكىم زەدەپ…
ئۇزاق كۆرۈشۈشتىن بىز مەھرۇم
توساتتىن دوستۇم ئېسىگە ئاپتۇ –
سېغىنىپ بۈگۈن مېنى ئەجەپ؟!
مەۋھۇملۇققا مەھكۈم
ئېكراندىكى ئۈچرىشىشىمىزدا
ئېيتىپ قالدىڭ سۆزىمىز ئارىسىدا ـ
«ھەي سەن ياشايسەن جەننەتتە» دەپ………..