ۋەتەنسىز قۇشلار
-
سەھىپە:Elkun she'irliri، Media، Ün
باھا:0 دانە
24-10-2015
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)
ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلاڭ:
http://www.azizisa.org/elkun_poem/Wetensiz_qushlar.mp3
ھەي ئوكيان ـ
ئوكيان ئاتلىغان ئاتلانتىك ئوكيان….
مۇڭلىنىپ ساھىلىڭغا كەلسەم
شاۋقۇنلىرىڭ نەرە سالىدۇ دەھشەت .
بىراق چۆل ئوغلىنى
بۈگۈن سەن ـ
بۇ ھەيۋەڭ بىلەن قورقۇتالمايسەن…
غەرق قىلىپ دولقۇنلىرىڭدا ئېقىتالمايسەن
شاماللىرىڭدا ئۇچۇرتالمايسەن
مەن مەزمۇت خانتەڭرىدەك …
ھايات يىلتىزىم غول تارتقان ـ
ئەبەدىي تەكلىماكانغا ئەبەت ! ……….