ھۆرمەت، قىممەت ۋە ھىممەتكە يانداش خىياللار

 

مۇتەللىپ ئىقبال

1

 

خۇدانىڭ ئىلتىپاتى ۋە يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم راھىلە داۋۇتنىڭ ھىممىتى بىلەن چەتئەلگە چىقىش ئارزۇيۇم ئاخىرى ئەمەلىيەتكە ئايلاندى. ئەسلىدە بۇنداق تاساددىبىي پۇرسەتلەرنىڭ ماڭا نىسىپ بۇلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. ئەمما تەڭرىنىڭ ئىرادىسى بىزنىڭ ئوي-خىيالىمىز ۋە تەپەككۇرىمىزنىڭ سىرتىدا يۇشۇرۇن رەۋىشتە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىكەن ۋە ھاياتىمىزنىڭ چېغىرلىرىنى سىزىپ تۇرىدىكەن.

 

چەتئەل ماڭىلا ئەمەس، نۇرغۇن ئوت يۈرەك كىشىلىرىمىز ئۈچۈن بىر چۈش. يىقىنقى يىللاردىن بۇيان چەتئەلگە چىقىپ كۆرۈپ بېقىش، ئوقۇش، ئىش تېپىپ ئىشلەش قاتارلىقلار بىر قاتار مەقسەتلەر بىلەن نۇرغۇن كىشىلىرىمىز چەتئەل تۇرمۇشىنى بېشىنى ئۆتكۈزدى. بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىلا غايىۋى بىلىنىپ كەلگەن چەتئەلدىكى تۇرمۇش كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى نامايان قىلغاندىن كېيىن، يەنە «جاھاننىڭ ھەممە يىرىدە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت» ئىكەن دېگەن ماقال-تەمسىلىمىز كىشىلەرنىڭ ئېغىزىغا ئېلىنىشقا باشلىدى. بەزى مەتبۇئات ۋە تىلىۋېزىيە نومۇرلىرىدا بۇ ھەققە نوپۇزلۇق كىشىلەر سۆزلىگەن، چەتئەلنىڭ چۈش ئەمەس، بەلكى ئالدىراپ چىقىشقا بولمايدىغان جاي ئىكەنلىكىدەك قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلگەنمۇ بولدى. بۇ خىل قاراشنىڭ رىئاللىقتا مەلۇم دەرىجىدە ئاساسى بار بولۇپ، مۇتلەق ئىنكار قىلىۋېتىشكە بولمايتتى. چۈنكى ھەققىقىي يۇسۇندا چەتئەل تۇرمۇشىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ باققان بەزى كىشىلىرىمىز چەتئەلدە ماددى جەھەتتىن تەڭ قىسلىق تارتقان، روھىي جەھەتتىن تەنھالىقتا قالغان ئىدى. ۋەھالەنكى، بۇ ھەرقانداق بىر سەپەرگە چىققان كىشىنىڭ سەپەر جەريانىدا ياكى نىشان-مەنزىلىدە ئۇچرايدىغان ھادىسە ئىدى. ماددى جەھەتتىكى تەڭ قىسچىلىق ۋە روھي جەھەتتىكى غېرىبلىق ھەرگىزمۇ ھازىرقى دەۋرگىلا خاس ھادىسە ئەمەس. چەتئەل تۇپرىقىغا قەدەم باسقان كىشى ئەلۋەتتە بىرەر يىلغىچە يىڭى تۇرمۇشقا كۆنەلمەسلىك تۈپەيلى ھەر جەھەتتىن قىينىلىدۇ. بەزى ماتېرىياللاردىن بىلىشىمچە، چەتئەلگە چىققانلار ئەركىنلىككە ۋە ئىنسانىي ھۆرمەتكە ئېرىشىدىكەن، ئەمما ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىق، يۇرت، دوستلۇق مىھرىدىن كىچىدىكەن.


يەرلىكتە ياشاۋاتقانلار مەلۇم دەرىجىدە پاراغەتتە، مېھرى-مۇھەببەت قۇچىقىدا ياشايدىكەن، ئەمما ئىنسانىي خاسلىقى تازا نەزەرگە ئېلىنمايدىكەن. بۇ چەتئەلدىكى بىر نۇپۇزلۇق ژۇرنالدىكى تەتقىقات ماقالىسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئىدى………