يۇرتۇمدا بىر كۈن

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
Yurtumda bir kun

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Yurtumda_bir_kun.mp3

 
كېۋەز شادىسى يازنى ئەسكە سالار،
كانايدا ياڭراق دېھقاننىڭ ئىسمى.
ئايىقىمدا توپلۇق يول، مۇزلۇق ئېتىز،
تۆكۈلەر يامغۇر بوپ تارىمنىڭ قۇمى.
 
ئاتام تىككەن تېرەكلەر مۈكچەيگەن،
خۇددى ئاتامنىڭ ھالىغا ئوخشاش.
ئانام توخۇسىنى دانلاشقا چىللار،
تېلىققان ئاسماندا نۇرسىز قۇياش.
 
تۆت تۈپ تېرەك يول بويىدا قىيسىق،
قىزىل لوزۇنكا تۇغ بولۇپ تۇرار.
›ئېلىپبە‹ ئۆگەتكەن موللا ئۆلۈپتۇ،
مۇڭگۈز قەبرىسىگە بولۇپ يادىكار.
 
بۈگۈن بۇرچىنى ئۇنتۇپ خوراز،
كاتىكىدە چىن چۈشتە تاڭغا چىللار.
ئانام باققان ئەركە قوزىچاقلار،
كېلەر يىل بۇ كۈنى قۇربان بولار.