ياۋايىلىق

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun: Yawayiliq.mp3

 

چەكسىز ئورمان
كۆزگە ھەسىرەتتىن تولغان ياش
ئاپىسىغا ئۆگەيلەنگەن
شاماللىق يېشىل دالا –
چىغىر يوللار سۆيۈشۈش ئۈچۈن كېسىشكەن
 بىزنى باشلايدىغىنى شۇ بىرلا نۇقتا.

 

تەلۋە بۇلۇتلار ئالدىراش
شاماللارغا ئۇسۇل ئوينايدۇ
ھەممىسىنىڭ ئەسلى مەقسىتى بىر
قۇياشنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ قېچىش ئۈچۈن
يۇشۇرۇن سۇيقەست قىلـماقتا.
 


تەبىئەت ناخشىسىنى توختىماي ئېيتىدۇ
مەنمۇ تەڭكەش قىلىپ ئېيتىمەن 
مېنىڭ مۇھەببىتىمۇ بۇ ناخشىلاردىن قېلىشمايدۇ
ئۇ قۇمدا، باغدا، تاغلاردا تاۋلانغان
مۇڭلىنىپ قان ـ قېنىمدا كۆيىدۇ …