نورۇزدا چېچەكلىگەن تۇيغۇ

نورۇزدا چېچەكلىگەن تۇيغۇ

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Noruz_chechek.mp3

 

قۇش مۇڭلىرى قۇياش بىلەن تەڭ ئويغۇنۇپ،
چېچەك ئاتقان باغچا ئىچىدە سايرايدۇ.
مەن كەزگەن يالغۇزلۇق ئۆزۈمگە غېرىپ،
ئاھ ۋەتەن سېنى سېغىنىش جاننى قىينايدۇ!


نورۇزنىڭ تۇنجى كۈنى بىخلىغان تۇيغۇ،
مەن چىللىغان شۇ باھارىم كەلدىمىكىن؟
قەلبىمگە دىلكەش بۈگۈن ناۋا بۇلبۇلمۇ،
مۇھەببىتىم مايسا بولۇپ كۆكلەمدىكىن؟!