مەۋھۇم جانان
-
سەھىپە:Elkun she'irliri
باھا:0 دانە
21-04-2017
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(ياشلىق خاتىرەمدىن)
مەۋھۇمدۇر بۇ دۇنيا مەۋھۇم بۇ قەلبىم،
مەۋھۇملۇق ۋۇجۇدۇمدا قىلار غەلىيان!
سەھەردە چۈشۈمگە بىر مەۋھۇم جانان …
كەلدى كۆڭۈل تۆرىگە بولۇپ مېھمان!
ھەر چېتى مەۋھۇملۇققا تولغان بۇ جاھان،
گاھى تۇيىمەن ئۆزۈمنى مەۋھۇم بىر ئىنسان.
يىللار كەتتى خەتلىرىڭ ئەىسلىمە بولۇپ،
كۆرمىدىم ئەمما گۈلۇم سېنى ھېچ زامان!
بولدۇڭ سەن سىردىشىم دىلىمغا ھەمراھ –
غېرىبلىق يىراقتا جاندىن ئۆتكەندە.
تۇرسىمۇ دېڭىز- ئوكيان بىزنى ئايرىپ –
كۈتكۈزەر تەشنالىق ھىجران يەتكەندە!
كىردىڭ چۈشۈمگە جانان، ئۇڭۇمدىن غايىب،
بىلمىدىم قاچان بولدۇڭ ماڭا ھۆكۈمران.
ياشىدىڭ خىيالىمدا كېچە ۋە كۈندۈز،
تولدۇرۇپ سېغىنىشنى يۈرەككە ھامان!