«كىرپە بالام يۇمشاق» ئەمما قولىمىز قانىمىسۇن
-
سەھىپە:Elkun yazmilliri، Uyghur dunyasi
باھا:0 دانە
29-06-2019
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنىڭ بىرى بولغان Code تور ژۇرنىلىدا 2019-يلى 9- ماي كۈنى ژۇرنالىست ئېسوبېل كوككرېل (Isobel Cockerell) تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى تراگېدىيىلىك جىددىي ۋەزىيىتى يورۇتۇپ بېرىلگەن «ئۇيغۇر ئاياللىرى خىتاينىڭ دۆلەت تەقىبىگە قارشى كۈرەش قىلماقتا» ناملىق ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلىنىدۇ.
بۇ ماقالىدا خىتاي جازا لاگېرىنىڭ سابىق مەھبۇسى بولغان، ھازىر تۈركىيىدە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان قازاقىستانلىق ئۇيغۇر گۈلباھار جەلىلوۋا خانىمنىڭ خىتاي جازا لاگېرى ئىچىدە تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى كارتۇن فىلىم ئارقىلىق بايان قىلىنغان بولسا، نۇرجامال ئاتاۋۇللا، مۇيەسسەر مىجىت قاتارلىق خانىم- قىزلىرىمىزنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلە -تاۋابىئاتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى تېما قىلىش ئارقىلىق خىتاي دۆلىتىنىڭ نەچچە مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى دۇنياغا قايىل قىلارلىق دەلىل – پاكىتلار بىلەن تەسىرلىك بىر رەۋىشتە بايان قىلىدۇ.
ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى بۇ ماقالىنىڭ ئەڭ ئۇستىگە پەقەت ئىككى كۆزنى كۆرگىلى بولىدىغان، ئەرەب ياكى سۇمالىلىق مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ باش كىيىمىگە ئوخشاپ كېتىدىغان رومال بىلەن ئۇستى بېشىنى ئورىۋالغان بىر خانىمنى كۆرىمىز. دېمەك، بۇ ماقالىنى كۆرگەن ئادەم ماقالىنى ئوقۇسۇن، ياكى ئوقۇمىسۇن «ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا شەرق مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش ئىكەن» دېگەن چۈشەنچىگە ئىگە بولىدىغىنى شۇبھىسىز.