قومۇشلۇق

“Qomushluq”ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش : Qomushluq.mp3

شېئىرنى كۈندۇزئاي ھامۇت ئوقۇدى

 
كۈلرەڭ تۇمان دېڭىز سۆيگەن
زېمىننىڭ ئاخىرقى چېتىدە
بەش كۈندە بىر كۈن چىقىدىغان يېرىدە
ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئەڭ غەربىدە
دېڭىزدىن ئەڭ ئۇزاق ئەلگە ئوخشاش –
نوزۇگۈم مۆكۈنگەن قومۇشلۇق بار.
 
رىملىقلارنىڭ قىلىچىدا
ناپائىلۇن زەمبېركىدە
دەريالىرى قانغا لىق تولۇپ ئاققان
ھىتلېرنىڭ بومبىسىدا
كېچىدە ئۆيلىرى مەشئەل بولۇپ يانغان
ئەڭ ئاخىرى ئەزىمەتلىرى ياۋدىن قىساس ئالغان …
داستان قىلىپ ئېيتىدىغان جەڭنامىلىرى بار.
 
بۇ ئاجايىپ ئەل،
دېڭىزغا تۆت تەرىپى چىلىنىپ تۇرار
ئەمما ھىچ زامان ئادەمگە مەھكۈم بولۇپ باقمىغان
ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاپمۇ باقمىغان!
قوشنىسىنىڭ بىر تال ئالمىسىنى ھەتتا –
سۇئال -سوراقسىز سېتىپمۇ باقمىغان!