ئەلكۈننىڭ ھېكايىسى دۇنيا قەلەم سەھىپىسىدە

ئاننې ئەرشىدىن (مائارىپ ئىلمى دوكتورى)

 

ئۇيغۇر يازغۇچىسى، شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ ھېكايىسى خەلقئارا يازغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ قەلەم سەھىپىسىدە نەشىر قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن!

 

خەلقئارا يازغۇچىلار تەشكىلاتى – بۇ قانداق تەشكىلات؟ ئاۋال بۇ تەشكىلات بىلەن قىسقىچە تونۇشۇۋالايلى.
 

خەلقئارا يازغۇچىلار تەشكىلاتى قىسقارتىلىپ «خەلقئارا قەلەم” (PEN International)  دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى ئېنگىلىز تىلىدىكى «شائىر، ماقالە ۋە رومان يازغۇچىلار» دېگەن مۇشۇ ئۇچ ئاتالغۇنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، بۇ تەشكىلات 1921-يىلى لوندوندا قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ يازغۇچىلىرى دۇنيا مىقياسىدا پىكىر ئەركىنلىكىنى، يېزىش ئەركىنلىكىنى، ئادالەتنى تەشەببۇس قىلىپ، بىگۇناھ تۈرمىلەرگە قامالغان، ھەرخىل زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغان، ھەمدە ناھەق ئەيىبلەنگەن يازغۇچىلار، شائىرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قەلەم كۆرۈشى قىلىدىغان، دۇنيا “ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى» نى يېزىپ چىققان ۋە مەزكۇر خىتابنامىنىڭ دۇنياۋى ئومۇملىشىشىغا ئاساس سالغان خەلقئارا ئىمتىيازغا ئىگە بىر خەلقئارا تەشكىلاتتۇر. بۇ تەشكىلاتىنىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە 145 تارماق تەشكىلاتلىرى بار بولۇپ، جۈملىدىن مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىمۇ مەزكۇر تەشكىلاتقا 2008- يىلى رەسمى ئەزا بولۇپ كىرگەن.