![News from Tartary book cover](http://www.azizisa.org/img/news_from_Tartary1.jpg)
ئاپتور Peter Fleming *
ئېنگلىسچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمە قىلدى
News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir
بۇ كىتاپ 1936- يىلى بۈيۈك بىرتانىيىنىڭ ئوكىسفورد Oxford Alden Press نەشرىياتىدا نەشىر قىلىنغان
6-باب: چۆل يولى
1- بۆلۈم: مەينەت خىزمەت
سىياسەت كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئادەمنى ناھايىتى چارچىتىۋېتىدۇ. بولۇپمۇ ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزىرىدە ئاسىيانىڭ سىياسىتى كىشلەرگە تېتىقسىز ۋە زېرىكىشلىك تۇيۇلىدۇ. ئۇلاردا ئۆز كېلىچىكىگە ئۆزنى باغلاش ئۇقۇمى مەۋجۇت ئەمەس ياكى ھالى شۇنداق بىر مۇمكىنچىلىكتىن كۆپ يىراق. گەرچە بىز ئىنسانلار ھەممىمىز قېرىنداش بولساقمۇ، ھازىرقى زامانىۋى دۇنيادا بىر – بىرلىرىمىزگە توردەك باغلىنىپ ھېسداشلىق قىلساقمۇ، ئۆز – ئارا چۈشىنىشكە تىرىشساقمۇ ئەمما بىز يەنىلا ئۆزىمىزدىن چىراي شەكلى پەرقلىنىدىغان بۇ ئادەملەرنىڭ زادى نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى تېگى تەكتىدىن چوڭقۇر چۈشىنىشكە ئامالسىزمىز.
ئاپتور Peter Fleming
![News from Tartary book](http://www.azizisa.org/img/news_from_Tartary2.jpg)
ئېنگىلىسچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمە قىلدى
“تارتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” (News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir)
تەرجىماندىن ئىزاھات:
مەن ئوقۇشۇڭلارغا تەقدىم قىلىۋاتقان مەزكۇر تەرجىمە ئەسەر – بۈيۈك بىرتانىيىنىڭ ئاتاقلىق تەۋەككۈل ساياھەت يازغۇچىسى Peter Fleming تەرپىدىن يېزىلغان “تارتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” (News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir) ناملىق كىتابىدىن قىسقارتىلىپ، ئۇيغۇر ھاياتىغا مۇناسىۋەتلك قىسىملىرى ئەينەن تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتاپ ئاپتورنىڭ 1935- يىلى بېيجىڭدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە خوتەن دىيارىنى بويلاپ قەشقەر ۋە كېيىن قونجىراپ ئېغزى ئارقىلىق بىرتانىيە باشقۇرىشىدىكى كەشمىرگە بېرىش سەپرى داۋامىدا ئۇيغۇرئېلىدە ئۆزى كۆرگەن – بىلگەنلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان بىر ساياھەت خاتىرىسىدۇر. بۇ كىتاپ 1933 – يىلىدىن 1935 – يىللىرىغىچە بولغان ئارلىقتىكى گومىنداڭ دۆلەت ئارمىيىسى 36- دېۋىزىيىسىنىڭ تۇڭگان قوماندانى ما جوڭيىڭ ئىسيان كۆتۈرۈپ شىنجاڭغا باستۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان مۇرەككەپ سىياسى ۋەزىيەتكە “تۇڭگان يېغىلىقى” قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپلىگەن شەھەر – بازارلىرىنى ئۇرۇش ئاپەتلىرى قاپلىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قانلىق سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتى سوۋېتلار ئىتتىپاقى بىلەن شېڭسەي ھەم بۈيۈك بىرتانىيە ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك سىياسىي ئويۇنلار يەنى “بۈيۈك شاھمات تاختىسى” ئويۇنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىنى ئوبرازلىق بايان قىلىندۇ. قىسقىسى بۇ كىتاپ ئەينى يىللاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىى ۋە سىياسىي ھاياتىنى بىلىشىمىز ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر تارىخي مەنبەدۇر . مەزكۇر كىتاپ 1936- يىلى بۈيۈك بىرتانىيىنىڭ ئوكسفورد ئادەن نەشرىياتىدا (Alden Press) نەشر قىلىنغان ……….
ئاپتور Peter Fleming
![News from Tartary book cover](http://www.azizisa.org/img/news_from_Tartary1.jpg)
ئېنگىلىسچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمە قىلدى
“تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” (News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir)
كىرىش سۆز
بۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمى ئۈچۈن يېزىلىدىغان گەپلەر ئانچە كوپ بولمىسا كېرەك. ئەمما شۇنى قەتئىي قىلىپ ئېيتالايمەنكى بۇ كىتاب جۇڭگونىڭ پېكىندىن قورۇقلۇق يولى ئارقىلىق 7 ئاي ۋاقىت ئىچىدە 3500 مىل يول مېڭىپ ھىندىستاننىڭ كەشمىرگە يىتىپ بېرىش يولىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بىر سەپەر جەريانى بايان قىلىنىدۇ.
بەلكىم بىز سەپىمىزدە بېسىپ ئۆتكەن بۇ يەرلەر قانداقتۇر بىر باغلىنىشلار ئارقىلىق بىر قىسىم كىشىلەرگە تونۇشلۇق بۇلىشى ۋەياكى مېنىڭ بۇ سەپىرىمدە بايان قىلغان تەسۋىرلىرىم بىلەن ئۇلارنىڭ كاللىسىدا بار بولغان بۇ يەرلەر توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىدىن پەرقلىق ھالدا باشقىچە تەسۋىرلەنگەن بۆلىشى مۇمكىن. بۇ يەرلەر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىرتقا ناھايىتى ئاز تونۇلغان، زامانىمىزنىڭ خەرىتىلىرىگە ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق خاتا ئاتالغۇلار بىلەن بىز كەزگەن بۇ يەرلەر تولۇق كۆرسىتىلىپ بېرەلمىگەن ئىدى……..