بوۋامنى ئەسلەيمەن
-
سەھىپە:Aziz Isa Elkun، Aziz Isa Elkun terjimhali، Elkun hékayiliri، Elkun yazmilliri
باھا:0 دانە
26-01-2021

بۇ سۈرەت: (سولدىن ئوڭغا) بوۋام نىزامىدىن ئوسمان، مومام جەننەتخان نايىپ ۋە بوۋام-مومامنىڭ چەۋرىسى. بۇ سۈرەت 1996- يىلى ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيىدىكى باغچىدا تارتىلغان.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
مېنىڭ بوۋام ناھايىتى ئاددىي ئەمما ئۇلۇغ بىر ئىنسان ئىدى. بوۋامنىڭ ئىسمى نىزامىدىن ئوسمان. ئۇ ئۇيغۇرنىڭ ئەزىزانە تۇپرىقى تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىنىڭ شىمالى قىرغىقىغا جايلاشقان قەدىمىي ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن بىر بولغان تاللققبولۇڭ كەنتىدە توغۇلغان ۋە ئۆمۈر بويى ئۇشبۇ كەنتىدە ياشاپ ئۆتكەن.
مەن بوۋامنى ھەمىشە سېغىنىمەن… قەدىردان بوۋامنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئورۇن ئالغان سىماسى ماڭا ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلۇقنىڭ جەۋھەرلىرى بولغان ئىنسانلىقنى، مەردلىكنى، ئاقكۆڭۈللۇكنى، قەھىرمانلىقنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. بىزدىن بۇرۇنقى ئەجدادلىرىمىز مەردلىك، ئاقكۆڭۈللۈك ۋە نامراتلىق بىلەن غۇرۇر، ئىززەت ۋە ئىپتىخارلىق ئارىسىدا تارازىدەك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، ئادەمدە ياشاپ كەلگەن بولسا، بىز بۇ كۈنلەردە «ئادەمدەك ياشاش» ھوقوقىمىزدىن مىللەت بويىچە مەھرۇم بولدۇق. ئۇيغۇرنىڭ ئىپتىخارلىق روھى ۋە غۇرۇرى دەپسەندە قىلىندى…