ئۇيغۇرلۇق ۋە تەپرىقىچىلىك

“Uyghurluq_tepriqichilik"ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئەسەرنى ئاڭلاش: Uyghurluq_we_Tepriqichilik.mp3

 

ئۇيغۇرلۇق – كۆك تۈرك قەدىمكى ئۇيغۇر – تۈرك تىلىدا «ئون ئۇيغۇر»، «توققۇز ئۇيغۇر» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن قەبىلىلەر ئىتتىپاقنىڭ نامى بولۇپ، بۇ ئاتالغۇ «ئىتتىپاقلىشىش»، «ئۇيۇشۇش» ۋە «مەدەنىيەت ئىلغارلىقى» دېگەندەك بىر سىياسىي ۋە ئىرقىي ئاتالغۇدۇر. ئۇ بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن ئۇزۇن تارىخىي مۇساپىسىدە ياراتقان بارلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىرقىي ۋە مىللىي كىملىكى دەپ بىلىدىغان، بۇ مىللەتنىڭ ھازىرقى ۋە كېلىچەك مەۋجۇتلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆڭۈل بولىدىغا بارلىق مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىغا ئىگە مۇشۇ قەۋىمگە تەۋە كىشىلەر توپلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

 

تەپرىقىچىلىك كەلىمىسى – بىز ئۇيغۇرلار 10-ئەسىردە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئەرەب تىلىدىن تىلىمىزغا كىرىپ كەلگەن سۆز بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ تىلىمىزدىكى لۇغەت مەنىسى بولسا «بۆلۈنۈش»، «پارچىلىنىش»، «ئىتتىپاقسىزلىق» ، «ئاداۋەت»، «مەزھەپچىلىك» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۇرىدۇ.

 

دېمەك بۈگۈنكى كۈنىمىزدە ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەت تارىختا سىياسى سەھنىسىگە چىققاندىن بۇيانقى كەلگۈسى ئۈچۈن داۋاملىق بىر مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرشى بىلەن مەجبۇرى خىتاي ئاسسىمىلاتسىيەسىدە يوقاپ كېتىشتەك ئەڭ خەتەرلىك بىر باسقۇچتا يەنى مۇشۇ «ئۇيغۇرلۇق» بىلەن «تەپرىقىچىلىك» تىن ئىبارەت ئىككى ئۇقۇم شەكىللەندۇرگەن كۈچ ئوتتۇرسىدا ھالسىرماقتا. ئەپسۇس، ئۆزىمىز بىلپ -بىلمەي دېگەندەك، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر مىللەت سۈپىتىدىكى مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە بۇ مەۋجۇتلۇق كۈرىشى ھەققىدە سۆز قىلغىنىمىزدا، ۋەتەن ئىچىدىن كۆرە ۋەتەن سىرتىدا ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ بىلگەن، ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان ۋە شۇ مەدەنىيەتنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىرقىي ۋە مەنىۋىي كىملىكىنى نامايان قىلىدىغان، مىللىتىمىز بېشىغا كەلگەن بۈگۈنكى كۈلپەتلەرگە قارشى كۈرەشكە قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز ئارسىدا ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت مىللىي مەپكۇرىنى مەركەز قىلىشتىن كۆرە جەمىيئەت، تەبىقە، دىن ۋە ئىلىملەر بويىچە تەپرىقىچىلىك ئەۋجىگە كۆتۈرۈلمەكتە.