ئۆزلۈكنى چۈشنىش

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
“Bir

 

ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى ۋە ئۆزگىلەرنى چۈشىنەلىگەن ئەقىل ئىدراك بىلەن ياشىشىمۇ زور بىر بەخىتتۇر. ئادەملەر دۇنياسىنى ئالىمىدىن نادىنغىچە، دەھرىسىدىن سۇپىسىغىچە، ئاشىقىدىن مەشۇقىغىچە، بېيدىن گادىيغىچە، ھەتتا شاھىدىن بىر بۇردا ناننى تىلەپ ئارا تېپىپ يېيەلمەيدىغان قەلەندىرىگىچە گۈزەل دەپ تەرىپلىشىدۇ. بەلكىم بۇ راستۇر، بەلكىم بۇ يالغاندۇر ۋەياكى ھەر ئىككىلىسىدۇر ئەمما ھىچ بىر مۇنازىرە تەلەپ قىلـمايدىغان بىر ھەقىقەت شۇكى ھەر بىر ئادەمنىڭ بۇ دۇنيانى ئۆزى ئۈچۈن گۈزەل ياكى دەشتى چۆل قىلىپ يارىتىشى شۇ كىشىنىڭ ئۆز مېھنىتىدىن سورىلىدىغان سوراقتۇر.

 

گاھىدا ھايات مۇساپىمىزدە زاماننىڭ زارى بىلەن خوشاللىق ۋە قايغۇنىڭ نۆۋىتى ئالمىشىپ قارا كۆزىمىزدىن سىرغىپ چۈشۈپ تۇرىدىغان ياشلار يۈركىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا بىزگە ھىچ يوشۇرماستىن نۇرغۇن ھەقىقەتلەرنى پىچىرلاپ تۇرىدۇ. ئۇنى سىزدىن باشقا ھىچ بىر كىشى سېزەلمەيدۇ ياكى تارتىپ ئالالمايدۇ. دېمەك بۇ يەردىكى گەپ دەل سىزدە شۇنداق پىچىرلاپ، يۈركىڭىزدىن ئېيتىلىۋاتقان ئىنسانلىقنىڭ چىن ھەقىقىتىنى ئېنىق ئاڭلىيالىغىدەك سەزگۈر بىر جۈپ قۇلاقنىڭ بار ياكى يوقلىغىدۇر چۈنكى بىز ئادەملەر ھەرقانچە ياۋايىلاشمايلىكى، ھەرقانچە رەھىمسىزلەشمەيلىكى، ھەر قانچە شەرمەندىلەشمەيلىكى بىز ھەممىمىزنىڭ بۇ دۇنياغا ئادەمىي مېھرى ـ مۇھەببەت بىلەن كەلگەنلىكىمىزدەك،  بىئولوگىيىلىك گېىن تارىخىمىز قەلبىمىزدە ھەر دەقىقىدە بىزگە يۈرىكىمىزنىڭ سوقۇش رېتىمى بىلەن تەڭ خاتىرلىنىپ تۇرىدۇ، شۇڭا بىز دەيمىز شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىز ئادەمدۇرمىز.

 

2016 ـ يىلى 5 ـ ئۆكتەبىر.