ئاتىجان

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئاتىجان

ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Atijan.mp3

 

ئاتامنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلايمەن.
(مەرسىيە)

 
ئۇچتى ئۆمۈر باغىدىن يورۇق بىر يۇلتۇز،
پەرىشتە جەننەت تىلەپ دۇرۇت ئوقۇدى.
تاۋۇتىنى كۆتۈرۈشتىن مەھرۇم ئەلكۈن،
“ئاتىجان” دەپ بۈگۈن مەرسىيە توقۇدى …

 
سەن تىككەن ئاق تېرەك يالىڭاچ بولۇپ،
بۇ كۈزدە غازاڭلار چۈشكەندە سەن يوق.
باراڭدا ئۈزۈملەر سارغىيىپ پىشىپ،
بولغاندا مەي بىر تال يېيىشكە سەن يوق!

 
قوتاندا قوي مەرەپ سېنى سورايدۇ،
يەم بېرەرىگە چېۋەر قولۇڭ ئەمدى يوق.
خورازمۇ ماتەمدە، سۈكۈتلۈك سەھەر،
قالدى ئۆيۈڭ تۇرۇكسىز ئەمدى سەن يوق!

 
قاپلىدى ئاسمىنىمنى مۇدھىش بۇلۇت،
زار كۈتكەن نىجات قۇياشى بۈگۈن يوق.
سەن نۇرلۇق ئاي ئىدىڭ قەلبىمگە يانغان،
تۈن بولدى بۇ كۈنۇم كۆرەرگە سەن يوق!