«زامان شائىرلىرى» ھەققىدە ئويلار
-
سەھىپە:Elkun maqaliliri، Elkun yazmilliri
باھا:0 دانە
06-12-2015
ئەسەرنى ئاڭلاش: Zaman_shairliri1.mp3
ئەسەرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
(تۇرغۇن ئالماسنىڭ 1951- يىلى يازغان ”ستالىنغا بېغىشلاپ“ ناملىق شېئىرسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن)
تارىخنىڭ چىنلىقى ئۇنىڭ يېزىلىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى كېيىنكىلەرنىڭ قانداق باھا بېرىشى بىلەن ئۆلچەنگىنىگە ئوخشاش ئەدەبىياتمۇ جۈملىدىن شېئىرىيەت ژىئانېرىمۇ بۇ مەنتىقىدىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە. شۇنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەككى مىللىي مەنپەئەت مەپكۈرەسىدە چىڭ تۇرالمىغان مىللەت زىيالىسىنىڭ ئۆز خەلقىگە كەلتۈرىدىغان زىيىنى ياتلارنىڭ ئاتقان توپ – زەمبىرىكىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئەجەللىك بولىدۇ.
ئادەم بالىسى خام سۇت ئىچىپ چوڭ بولغانلىغى ئۇچۇن مۇكەممەللىككە ئىگە بولالمايدۇ ۋە بۇنىڭلىق بىلەن ھەممە ئادەمنى مۇكەممەل ئەمەس دەپ قارىغىلى ھەم بولمايدۇ. مەرھۇم ئالىمىمىز، شائىرىمىز، تارىخچىمىز تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنىڭ ئۆز خەلقىگە تەقدىم قىلغان ئالەمشۇمۇل نادىر ئەمگەكلىرى ئالدىدا ياشلىق قىرانلىرىدا بىلىپ – بىلمەي زامانغا مەدىھيە توقۇپ يازغان بىر قانچە پارچە شېئىرىسىنى قارىماققا چوڭ مەسىلە بولۇپ كەتمەيدۇ. بىراق شېئىرىنى بىتەرەپ ھالدا ئەدەبىيات ئىلىمنىڭ مەۋقەسى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي مەپكۇرە تارازىسىغا سېلىپ ئۆلچىسەك خۇددى ھايات ئەمەلىيىتىمىز كۆڭۈل ئارزۇيىمىزنى، كۆڭۈل ئارزۇيىمىز بولسا بۈگۈنكى ئەمەلىيىتىمىزنى ئۆز – ئارا قوبۇل قىلىپ بولالمايۋاتقانلىغىغا ئوخشاش يېقىنقى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ھاكىمىيەت ئۇچۇن قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق “زامان شائىرلىرى” نىڭ شېئىرسىنى ئەينى ۋاقىتتىن ھالقىپ بۈگۈنكى مەۋقەدە تۇرۇپ توغرا چۈشىنىش ئۇچۇن ئەستايىدىللىق بىلەن تەپەككۇر قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ……
ئۆتكەنكى نەچچە ئەسىرلىك جاھالەت تۈپەيلى روھىيىتى تەركى دۇنيالىق بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا دۈملەنگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى ھايات قىسمەتلىرىگە گىرىپتار بولۇپ ياشىشىنىڭ توپ نېگىزى دەل ئۆتكەن ئەسىردىكى بالدۇر ئويغانغان زىيالىللىرىمىز ئارىسىدا ۋەتەن – مىللەت تەقدىرى ۋە كېلەچەك ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن ئورتاق نىشان، مەۋقەسىنىڭ بولماسلىقى، زامانغا ۋە كېلەچەككە ماس كېلىدىغان مۇستەقىل ۋە مۇستەھكەم مىللىي ئاڭ قۇرۇلمىسىنىڭ ھەممە خەلق بىردەك ئېتىراپ قىلغان دەرىجىدە ئومۇمى شۇراغا ئايلىنالماسلىقى، ھەم مىللىي مائارىپىنىڭ تارىختىكى ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن قالاق قالدۇرۇلغانلىقى قاتارلىق ئامىللار سەۋەپلىكدۇر. مانا بىزدىكى شۇ كەمچىلىكلەر تۈپەيلى ئەينى ۋاقىتتا يېڭىدىن ئۆزىمىزدە بىخلىنىشقا باشلىغان ئويغىنىش دولقۇنلىرى مەزھەپ ۋە گۇرۇھلارغا تەۋە بولغان مەپكۈرەلەر ئوتتۇرسىدىكى كىرزىسلار بىلەن قوشۇلۇپ بۇ مىللەتكە ئەسلىدىلا بار بولغان تاشقى، ئىچكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كىرزىسلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش رولىنى ئويناپ، ئورۇنسىز بەدەللەرنى تۆلەش، ئەسلىدىلا ئاجىز بولغان ئۆزىگە – ئۆز خوجا بولغان مىللەت سالاھىيىتىدە ئۆز ئىشلىرىغا ئۆزلىرى ئىگىدارچىلىق قىلىشتەك مىللىي ئاڭنىڭ خۇنۇكلىشىشىگە يول ئاچىدۇ. ئاخىرىدا بېرىپ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكلىرىگە يات بولغان ياتلارنىڭ مەپكۈرىسىنى قەلىبنامە قىلىپ كېلەچەك ئۇچۇن نىجاتلىق ئىستەشتەك پاسىق ۋە پاسسىپ نىمجان ئەھۋالغا چوشۇپ قالىدۇ.
دەرۋەقە ئەينى تارىختا يەنى 1945- يىللىرىدىن كېيىن قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي ئەللىرىدە يامرىغان بۇ خىل مىللەت ۋە دىننى ئەتىراپ قىلمايدىغان سوۋېت كوممۇنىستىك ئىدىيىسىنىڭ ۋاباسى“3 ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى” ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا غۇلجىدا ئۆزلىرى ئانچە كۆرۈنمەيدىغان سىرلىق «روس قوماندان» لارنىڭ كۆرسەتمىلىرى بىلەن بۇ ھۆكۈمەتنىڭ يادرولۇق نەزەرىيىۋى ئاساسىي بولۇپ ئۈستۈنلۈكنى ئېلىشىنى ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ كېلەچەك ئىستىقبالى ئۇچۇن توغرا يول دەپ تونۇغان، قوبۇل قىلغان ھەم بۇ سەپتە ياتلار بىلەن مۇرەسسە كۈرەش قىلغان سىياسىي رەھبەرلىرىمىزدىن ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباسوپ، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىقلارنىڭ بېسىپ ئۆتكەن كۈرەش يوللىرىنى مىسال قىلساق، مانا مۇشۇ تارىخىي ۋەقەلەر بىلەن تەڭ ۋە كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان يازغۇچى ۋە شائىرلىرىمىزدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ، تۇرغۇن ئالماس، ئابلىز نازىرى، تېيىپجان ئېلىيۇپ، ئەلقەم ئەختەم قاتارلىق يەنە ئىسمى ئاتالمىغان ئۇيغۇرنىڭ نۇرغۇنلىغان “زامان شائىرلىرى” (دەۋرىنىڭ كۈيچى شائىرلىرى) ۋە ئەدىبلىرىنى مىسال قىلالايمىز. دېمەك مىللىي مەنپەئەتنىڭ قانچىلىك شېكەر مەنپەئەت ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشۈنۈپ تېگىگە يېتەلمىگەن ئەشۇ زىيالىيلىرىمىزدا ئەينى زامانلاردا ئۆز – ئۆزگىنى بىلىش، دۇنيانى بىلىش بىلىمىنىڭ قانچىلىك تېيىز ۋە ساددا بولغانلىغىنى، خەلقىمىزنى ئۆزبېك قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرى بىلەن تەڭ زەھەرلىگەن “شەرىق ھەقىقىتى” گېزىتىگە ئوخشاش سوۋېت تەشۋىقاتىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك سالماقتا ئېلىپ بېرىلىپ خەلقىمىز زىيالىيلىرىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغانلىقىنى قىياس قىلىشىمىز تەس ئىش ئەمەس. مانا شۇ دەۋر مۇھىتى زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ رەزىللىك، جاھانگىرلىك نەيرەڭ پەردىسىنى تاقىغانلىغى ئۇچۇن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن شۇ قىزىل ”زامان شائىرلىرى” مۇ بەس – بەستە يېتىشىپ چىققان ھەم ھاكىمىيەتنىڭ كۈيچىسى بولۇپ مۇشۇنداق بىمەنە، ئىنسانلىق مەنتىقىسىگە يات شېئىر ۋە ئەسەرلەرنى يازغان ئىدى. بىراق “قازانغا يولۇقساڭ قارىسى” دىگەندەك بىز بۇ تائىپتىكى “زامان شائىرلىرى” ۋە يازارلىرىمىزنىڭ ياش ۋاقىتلىرىدا ئېنىق بىر مىللىي ئاڭ ۋە مەۋقەگە ئىگە تەربىيە كۆرۈش پۇرسەتلىرىدىن مەھرۇم بولغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي شارائىتلارنى ھەم نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز.
شۇڭا بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇلاردىن رەنجىپ ئولتۇرشىمىزنىڭ ھىچ ئورنى يوق بەلكى بىز ئۇلارنىڭ خەلقىمىزگە تەقدىم ئەتكەن تۆھپىلىرىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە تەقدىرلەش بىلەن بىرگە شۇ ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ تۇتقان كۈرەش يوللىرى، بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەمگەكلىرىگە سوغۇق قانلىق بىلەن ئىلمى ۋە ئاقىلانە مۇئامىلە تۇتۇشىمىز، بار ئىمكانىمىز بويىچە توغرا بولغىنىنى توغرا، خاتا بولغىنىنى خاتا دەپ ئارىدىن 60 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە دادىللىق بىلەن پىكىر يۇرگۇزسەك، ھىچ بولمىغاندا كېيىنكى ئەۋلادلارغا خاتا بولمىغان بىر چۈشەنچە بېرىشكە ئىمكان يارىتالىساق، بۇنىڭ ئەھمىيىتى كىملىك ساپايىمىزنىڭ بۈگۈن ۋە كەلگۈسى راۋاجى ئۇچۇن ئىجابىي قەدەم بولۇپ قالىدۇ.
ئەلۋەتتە سۆزىمىزنىڭ نېگىزى بولغان ئەدەبىيات ئىلمى نۇقتىسىدىن پىكىر يۈرگۈزسەك “زامان شائىرلىرى” ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەمگەكلىرى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئاددىي مەنتىقە بويىچە باھا بېرەلەيمىز – ئىنسان قەلبىگە ھەقىقى ئىستىتىك زوق بېرەلەيدىغان ئەدەبىي ئىجادىيەت كۆپىنچە ئەھۋاللاردا تەبئىي ھالدا ساپلىق تۇيغۇ بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، تەرەپسىز مەۋقەدە يورۇقلۇققا چىققان بولىدۇ ۋە شۇنىڭ ئۇچىنىمۇ بۇ خىلدىكى ئەدەبىي ژىئانېرنىڭ قىممىتى ۋاقىت ۋە دەۋر چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان ھالدا ئۆز قىممىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ تۇرىدۇ.
بىز ئۇيغۇر يازارلىرىنىڭ زاماننى ۋە ھاكىمىيەتنى كۈيلىگەن ئەسەرلىرىگە مۇئامىلە قىلىشتا يەنە سالماقلىق بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى ئەمەلىيەتنى نەزەردىن ساقىت قىلماي، شۇ ۋاقىت بويىچە ۋەزىيەتنى پەرەز قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرۈشكە تىرىشساقمۇ ئەجىبا ”بۇ سۆيۈملۈك شائىرلىرىمىز مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا ئېغىر مۇسىبەتلەر كەلگەن شۇ زامانلارغا مەدھىيە توقۇپ شېئىر يېزىشىغا مەجبۇر قىلىنىشى قانداقتۇر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەمەس بەلكى ئەجەل ئوقى ئۇلارنىڭ بېشىغا توغرىلىنىپ تۇرغان بولغىيمىدى؟” دىگەندەك سوئاللارنى سورىماي تۇرالمايمىز. قېنى ئۇنداقتا تۆۋەندە مەرھۇم شائىرىمىز تۇرغۇن ئالماسنىڭ 1951 – يىلى ئۈرۈمچىدە نەشىر قىلىنغان «شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئىتى» ژۇرنىلىنىڭ 4 – 5 سانىغا بېسىلغان “ستالىنغا بېغىشلاپ” ناملىق ئۇشبۇ شېئىرسىنى ئوقۇپ باقايلى (شېئىرنىڭ ئاخىرقى بەش مىسراسى كۆچۈرۈلدى) :
“
……
ترومىين گىتلېرنىڭ ئۆلۇم كۈلكىسى،
چېرچىل لوندوننىڭ نىمجان تۈلكىسى.
ئاق ئوردا تەقدىرى رەيخاستاگقا دوس،
قۇدرەتلىك ئەي قوشنام مېھرىبانىم روس.
بىزدىمۇ تاڭ ئېتىپ كەتتى قارا تۇن،
تاڭچىمىز باغرىمىز ئۇلۇغ ماۋزەي دۇڭ.
يېتىمىز، كۆرۈندى گۈلزار بويلىرى،
سەن بىلەن ئوينايمىز بەخت تويلىرى.
مىڭ ياشا ستالىن قۇياشتەك ياشا،
يوقسۇلغا جەننىتىڭ ھەجەپ كەڭتاشا. “
يەنە بىر مىسال سۈپىتىدە ئاتاقلىق شائىرىمىز تېيىپجان ئېلىيۇپنىڭ “ماۋزېدۇڭ ھەققىدە قوشاق” ناملىق شېئىرىسىگە نەزەر تاشلايلى:
“ھاۋانىڭ تۇماندىن،
قۇتۇلدۇق تۇزاڭىدىن.
يۈرىكىمىز سۇ ئىچتى،
ماۋزەيدۇڭ زامانىدىن.”
يەنە 22 ياش ۋاقتىدا ئاقسۇدىكى گومىنداڭ ئىستىبداتلىرىنىڭ قىلىچى بىلەن بېشى كېسىلگەن “ئوت يۈرەك ئىنقىلابىي” شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ 1938- يىلى سېنتەبىردە غۇلجىدا يازغان “جۇڭگو” ناملىق ئۇشبۇ شېئىرسىنى مىسال قىلساق يۇقىرىدا بايان قىلغان پىكىرلىرىمىزگە يەنە بىر دەلىل تاپالايمىز (شېئىرنىڭ بىرىنچى كۇپلېتى) :
“جۇڭگو….
جۇڭگو! ئانا يۇرتىمىز سەن،
چۈنكى سېنىڭ ئوماق قوينۇڭدا
ساپ ھاۋاڭدا چوڭ بولغان؛
تېپىپ سېنىڭدە ئەقىل،
ئۆزىمىزنى تۇتۇپ چوڭ بولغان.”
شېئىر – ئۇ سۆز ئويۇنى ئەمەس بەلكى ئىنسان تەپەككۈر جەۋىرىنىڭ گۈزەل مەنا ۋە قاپىيەلەر بىلەن ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر. تارىختا دۇنيانىڭ پەلسەپە ئىلمىگە زور تۆھپە قوشقان گرىك – يۇنان، گېرمان، ئىنگىلىز، فرانسۇز ۋە پارىس ئالىملىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ گۈزەل پەلسەپەۋىيلىك شېئىرلارنى يازغانلىغىنى نەزەردە تۇتساق ۋە ئۇلارنىڭ ياراتقان تۆھپىلىرى بىلەن ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرساق، قانداقتۇر بىر چاغلاردا بىرسى توۋلىغاندەك “ئۇيغۇرلار شېئىرىي مىللەت” دېگەن قالپاققا چۇشلۇق قىرغىزنىڭ بىزدە يوقلىغىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرمىز. ئەلۋەتتە بىز ئۇيغۇرلار شېئىر يازالايمىز ۋە شۇنداق بولىشىغا قارىماي خەلقىمىز قەلبىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالغان شېئىرلارنى يازغان، زامان چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ھەقىقى چىن شائىرلىرىمىز ئانچە كۆپ ئەمەس. ئاددىيسى بىز ئادەملەر دۇنياسىدا ئادەملەر بىر – بىرلىرىنى ياخشى ۋە يامان دەپ ئايرىپ مۇئامىلە قىلغىنىغا ئوخشاش ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىمۇ “زامان شائىرلىرى” غا قارشى قۇتۇپتا “ياخشى” ۋە “يامان” بولۇپ قەلەم تەۋرەتكەن، مىللىتىنىڭ ھەقلىق مەنپەئەتى ئۇچۇن ئۆزىنىڭ كۈرەش ئىرادىسىدە ھاياتىڭ ئاخىرقى نەپسىگىچە تەۋرەنمەي قەلەم ۋە ئەلەمنى چىڭ تۇتقان ۋە بۇ يولدا ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ھەقىقى شائىرلىرىمىزدىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىمىن تەۋپىق ئەپەندى، ئەنۋەر نازىرى قاتارلىقلارنى پەخىرلىنىش تۇيغۇلىرى بىلەن سېغىنىپ ياد ئېتىمىز.
مەسىلەن، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20- يىلى يېزىلغان ۋە بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ھەممە ئۇيغۇر پەرزەنتنىڭ يۈرىكىگە ئورناپ كەتكەن ئۇيغۇرنىڭ ھەقىقى شائىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ بۇ بىر پارچە شېئىرىسىدۇر:
“ئەي پەقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئويقۇڭ يېتەر،
سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.
بۇ ئۆلۈمدىن ئۈزۈڭنى قۇتقۇزمىساڭ،
ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر!”
يەنە بىر مىسال سۈپىتىدە شائىر ئەنۋەر ناسىرىينىڭ 1945- يىلى غۇلجىدا يازغان “ئۆلۇم ئالدىدا” ناملىق شېئىرىسىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتەلمەيمىز:
“ئاقارغان يۇز، قىيىلغان قاش، قويۇلغان ياش،
كېسىلگەن باش، چۇۋۇلغان چاچ، تۆكۈلگەن قان …
تىتىلگەن تەن، تۈرۈلگەن مۇش، كىرىشكەن چىش،
پۈتمەس غەزەپ ئىزى بولۇپ چىقتى بۇ جان ….!”
شائىر دۇنيانىڭ جۈملىدىن ئۈز ۋەتىنىنىڭ، خەلقىنىڭ قەلبى ساداسىدۇر، شۇڭ ئۇچىنىمۇ ھەقىقى شائىر ھاياتنىڭ، زاماننىڭ ۋە ھەقىقەتنىڭ كۇيچىسى بولالايدىكى ھەرگىزمۇ ساختىپەزلىكنىڭ، ئىستىبىداتلىقنىڭ، زامان زورلىرىنىڭ مەدھىيەچىسى بولالمايدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ مۇھىم تەركىۋى بولغان شېئىرىيەت ھەققىدە بېرىلىدىغان تەبىرلەرمۇ ئاساسەن ئوخشاش بىر ئومۇملۇققا ئىگە بولۇپ، ئادەتتە ئەڭ ياخشى يېزىلغان بىر پارچە شېئىر تەبئىي ۋە ساپ بولغان تۇيغۇلارنىڭ ئىنسان تەپەككۈر جەۋھىرى ۋە تىلى بىلەن ئىپادە قىلىنىشىدۇر. شۇڭا گۈزەل يېزىلغان بىر پارچە شېئىر زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىدىن مۇستەسنا ھالدا ئادەملەرگە مەڭگۈلۈك ئىستىتىك زوق ئاتا قىلغان بولىدۇ. بىراق مېھرى – مۇھەببەتكە، ئىنسانلىققا، ھەقىقەتكە جۈملىدىن ئۆز ۋەتەن ۋە خەلقىنىڭ مىللىي ئىرادىسىگە قارشى مۇقام توۋلاپ شېئىر يازغان شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى بولسا خۇددى كۈزنىڭ سوغۇق شامىلى تېگە – تەگمەيلا سېپىدىن ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ يەر چىشلىگەن بىرتال قەدىرسىز يوپۇرماققا ئوخشاش خەلقىمىز نەزىرىدىن چۈشۈپ تىزلا غايىپ بولىدۇ.
بۇ يەردىكى ئەڭ نېگىزلىك مەسىلە ئۆزىنىڭ يىرىك تارىخىي ئەسەرلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەت تۆردىن ئورۇن ئالغان شائىرىمىز تۇيغۇن ئالماسنىڭ ستالىنغا ئوخشاش ۋە يەنە قانداقتۇر قولىدا تارىخنىڭ مۇدھىش قېنى قېتىپ قالغان ئىستىبدات داھىيلارغا مەدھىيە توقۇپ شېئىرلارنى يېزىشى ئېنىقكى ”ئاق بىلەن قارا“ نى پەرق ئەتەلمەسلىكتەك گۇدەكلىكتىن ئەمەس بەلكى جاھان قىسمەتلىرىنىڭ پۇرسەتلىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇش ئىستەكلىرىدە ئۆز خاھىشى بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى ھوكۇمىرانلىقلارنىڭ شارائىتىغا ماسلىشىش مۇددىئاسىدا ”زامان شائىرلىرى“ بولۇپ شېئىر يازغان دەپ چۈشەنسەك خاتا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ چۇشەنچىمىزنىڭ خاتا بولمايدىغانلىقىنى شۇ ۋاقىتتىكى ئۆزىنىڭ سەت يۈزىدىكى ماسكىسىنى ئېلىپ تاشلىغان رەھىمسىز تارىخنىڭ دۇمبىمىزگە موھۇر قىلىپ بېسىلغان تامغىللىرى بۈگۈنكى ئۇيغۇرنىڭ رېئال قىسمەتلىرى بىلەن بىللە مانا مەن دەپ خەلقىمىزنىڭ بېشىدا قايناۋاتقان ياشاش ھەلەكچىلىكلىرى ئارقىلىق كۈندىلىك تۇرمۇشلىرىدا، ھەر قەدەملىرىدە روشەن ئىپادىلىنىپ تۇرۇپتۇ ئەمەسمۇ؟!
«زامان شائىرلىرى» ھەققىدە ئويلاردىن كېيىنكى ئويلار: http://www.azizisa.org/zaman-shair_keyinki_oylar
مەنبە: بوزقىر ئۇنۋېرسال مۇنبىرى
ئەلكۈن: «زامان شائىرلىرى» ھەققىدە ئويلار
http://bbs.bozqir.com.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=7894&fromuid=1823