«زامان شائىرلىرى» ھەققىدە ئويلاردىن كېيىنكى ئويلار

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 
 

ئەسەرنى ئاڭلاش: Zaman_shairliri2.mp3

ئەسەرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 

بۈگۈن كۈنگە يەكشەنبە، 2015 – يىلى 6 – دېكابىر، لوندون.

 

مەن بۈگۈن ئۈندىدار شېئىرىيەت توپىدا «زامان شائىرلىرىمىز» نىڭ يەنە بىر «نادىر» شائىرى يەنى ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلاۋبىي شائىر  ل . مۇتەللىپنىڭ «جۇڭگو» ناملىق شېئىرىسىنى ئۇقۇپ قېلىپ قايتىدىن ھېزى ئويلارغا پاتتىم….

 

خەلقىمىز مەنىۋىيەت قەھىتچىلكدە ئۆتكۈزگەن ئۆتكەنكى يېرىم ئەسىرلىك ھاياتىدا «زامان شائىرلىرى» نى مەدھىيىلەپ تالاي قەسىدە، داستان، شېئىر ۋە مەرسىيەلەرنى يېزىپ بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. بۇمۇ يەتمەي ناخشا ـ غەزەللەرىمىزگە قوشۇپ كارنىيىمىز يىرتىلغۇچە توۋلىدۇق. ئاتاقلىق «ئوت يۈرەك، ئىنقىلابىي شائىرىمىز» ل . مۇتەللىپ مانا شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.  

 

‎شۇڭا بىز ل . مۇتەللىپنى ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ بۈيۈك بىر قەھرىمانى دەپ تەرىپلەپ ھىچ  ھېرىپ قالمىدۇقكى ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك شېئىرلىرى ھەققىدە تېخىچە بىردەملىك بولسىمۇ سوغۇققانلىق بىلەن ئويلۇنۇپ باقمۇدۇق. مەن ھەر قېتىم  ل . مۇتەللىپنىڭ «جۇڭگو» دېگەن شېئىرىنى ئوقۇغىنىمدا ئۇنى لۇشۇننىڭ ياراتقان ئوبرازى «ئاQ» گە ئوخشىتىمەن. ىسەبىيلىكىم بىلەن ئويلاپ باقسام بىز بۇ قوۋم تېخى ئۆزۈمىزنى نادانلىقىنڭ زەنجىرىدىن تولۇق ئۈزۈپ بولالماپتۇق. ئۆز مىللى مەپكۈرىمىزنى قۇرالـماپتوق، ئەقلىمىزنى تېخى قولىمىزغا ئېلىپ چوڭ بولۇشتىن يىراقتا ئىكەنمىز……. ! 

 

مەن بۇ ھەقتە يېقىندا  يازغان [«زامان شائىرلىرى» ھەققىدە ئويلار]  ناملىق ماقالە تور سەھىپىللىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدە بۇ ماقالىغا قارىتا ئۆخشاش بولمىغان تۈلۈك ئ‍ىنكاسلار بىلدۇرۇلدى.  تۆۋەندە قېرنداشلار يازغان بىر قانچە ئىنكاسلانى بىز بىرلىكتە ئوقۇپ باقايلى.


بىر پىكىردىشىمىز تۆۋەندىكى شېئىرىسى بىلەن ئىنكاسنى باشلايدۇ :


 بۇلانغان سىر


ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ


يېكەنلىكتە يىغلار ساداقەت
قەبرىسىگە يۆلەنگىنىچە.
مومىيادەك قاق بولغان غورۇر
ياتار قانغا مىلەنگىنىچە


زاۋۇتلاردا ئىشلىنىپ تۈمەن
سېتىلماقتا پاھىشە بەخت.
باي بۇلۇشتۇق ،تۇرمۇش پاراۋان …
يۇقالماقتا ئۇيغۇرلۇق ئىسىت


مۇزلاتقۇغا سېلىپ ئۇيغۇرنى
ساقلىساممەن يەنە يۈز ئەسىر
يىشىلەرمۇ بىر كۈنلەر كىلىپ
قاراقچىلار بۇلاپ يۈرگەن سىر.

 

ئۇيغۇر جەمىيەتشۇناسلىق ئىلمى بويىچە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان مەلۇم بىر قېرىندىشىمىز بۇ ماقالىغا تۆۋەندىكىدەك ئىنكاس يازىدۇ:

 

«تارىخىي مىراسلىرىمىزغا ھۆرمەت قىلغاندەك، تارىخىي شەخسلىرىمىزگىمۇ ئەلبەتتە ھۆرمەت قىلىمىز ۋە ئۇلارغا ۋارىسلىق قىلىمىز. لېكىن شاكىلى بىلەن ئەمەس، مېغىزى بىلەن ۋارىسلىق قىلىمىز. ۋەتىنىنى، مىللىتىنى سۆيۈش ياخشىلىق، زۇلۇمنى ياكى زالىمنى قوللاش جىنايەت. شۇنى ئۇنتۇماسلىق لازىمكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئەسەرلەرنى يېزىشقا ئۇلارنى باشقىلار مەجبۇرلىغان ئەمەس. قېلىپىدىن ھالقىغان ھېسسىي ئاڭنىڭ ياكى ئىدىئولوگىيەنىڭ مەھسۇلى. ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان مىڭلارچە تۈرك ئەۋلادىنى قەتلىئام قىلغان، سۈرگۈندە ئۆلتۈرۈلگەن سىتالىن ئەمەسمۇ؟ ئىنسان چىدىغۇسىز ئازاپلارغا دۇچار بولغان قان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ جاۋاپكارى ئەنە شۇ سىتالىن.»

 

يەنە بىر پىكىردىشىمىز ئىنكاس بىلدۇرۇپ «بىز  بۇلارغا باھا  بەرگەندە ،  شۇ  دەۋردىكى ئەمەلى ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ باھا  بىرەيلى، شەيىئلەر ئۇزگۇرۇدۇ، تەرەققى  قىلدۇ.» دەپ يازىدۇ.

 

يەنە بىر پىكىردىشىمىز بولسا «كۈننىڭ دېغىنى تاتىلىماي، نۇرىدىن پايدىلىنايلى»ناملىق ئۈزۈن بىر ماقالە يېزىپ ھەتتا مېنىڭ شەخسىيىتىمنى ماقالىگە تارتىپ ئېلىپ كىرىشنىمۇ سىرىتتا قالدۇرمىغان.

 

يەنە بىر پىكىردىشىمىز بولسا تۆۋەندىكىدە پىكىر بايان قىلىدۇ:

 

«بۈگۈن ›زامان شائىرلىرى‹ ناملىق ماقالىڭىزنى باشتىن ئاخىر ئۇقۇپ چىقىپ يازمىڭىزدا ئىلگىر سۈرۈلگەن ›مىللىتىمىز تارىخدا ئۆتكەن ۋەكىللىك شەخسلەرگە ئىلمى باھا بېرىش ئارقىلىق، ھازىرقى زامان ۋە كەلگۈسىدىكى ۋەكىللىك شەخىسلەرنى زاماننىڭ بۇران چاپقۇنلىرى ئالدىدا ئىرادىسى قەتتئى بولۇشقا،ئىدىلوگىيە ۋە ۋىجداننى قوغداشتا قەھرىمانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلىش‹ تەك ئاقىلانە پىكىرلەرنى بەك ياقتۇردۇم. بىز نەچەچە يۈزمىڭ ئۇيغۇرنى قىرغىن قىلغان فاشىست سىتالىنغا مەدھىيە ئۇقۇغان تۇرغۇن ئالماسنى ئەمەس، ئويغۇر تارىخىنى ئىلمى پاكىتلار بىلەن يۇرۇتۇشقا قان تەرىنى سەرەپ قىلغان تۇرغۇن ئالماس روھىنى قەدىرلىشىمىز كېرەك. بىركىشىنىڭ بىر زامانلاردا ئېزىقىپ ، كىينچە يول تاپقانلىقىدەك ئەمىلى ھايات تارىخنى تەتقىق قىلىش بۈگۈن ۋە كەلگۇسىمىز ئ‍ۈچۈن شىپالىق دورا بولسا بولىدىكىن ھەرگىزمۇ ئەشۇ مەشچۇر تارىخىي شەخىسلىرىمىزنىڭ ئابرويىغا داغ تەككۈزگەنلىك بولمايدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم نوقتا بىز دادىللىق بىلەن ئۆزىمىز ھەققىدە سوغۇققان بولۇپ پىكىر يۈرگۇزۇشتۇر.»

 

بىر پىكىردىشىمىزنىڭ بايانى:

 

«ئۇلار ياشىغان دەۋىرنى شۇ زامانغا قايتىپ بېرىپ بىللە ياشاپ 100 دە يۈز چۈشەنگەن، ئۇلارنى شۇنداق خاتا قەدەم ئېلىشقا زورلىغان ئامىللارنى بىلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ خاتا باسقان ئىزلىرىنىڭ ئادۇكاتلىقىنى قىلغان تەقدىردىمۇ، خاتالىق بەرى بىر خاتالىق بولۇپ قېلىۋىرىدۇ. سوتقا تارتىپ جازا بىرىش خىزمىتىنى قىلىۋاتقان بولساق ئىدۇق ئاندىن ، خاتالىق سادىر بولۇشقا سەۋەب بولغان ئامىل، ئۇمۇمى ۋەزىيەت دېگەنلەرنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ بىرىدىغان جازانى يىنىكلىتىش ياكى ئەپۇ قىلىۋېتىش دېگەن ئۈستىدە پاراڭ قىلساق بولاتتى، ئۇنى ئەپۇ قىلغان تەقدىردىمۇ خاتالىق بەرى بىر خاتالىق بولۇپ قىلىۋېرىدۇ. بۇنى مۇنداق دېسەك ئەمدى شۇ بىز ئۇيغۇر خەلقىدە «دادىل پىكىردىن كۆپرەك ئادەمگە چۇقۇنۇش» مەسىلىسى بەك ئېغىر.»

 

ئۈندىدار «شېئىرلار توپىدى» كى بىر قانچە پىكىردىشىمىزتۆۋەندىكىدەك پىكىر بايا قىلىدۇ:

 

– «قان  بىلەن  يىزىلىغان تارىخ بولمىسا, سىياھ  بىلەن  يىزىلىغان  تارىخ پۇت تىتىرەپ  تۇرالمايدۇ !»

 

– «ھەر قانداق  ئادەم  ماكان ۋە زامان ئىچىدە ياشايدۇ. ماكان ۋە زامان چەكلىمىسىدىن ھالقىپ كېتەلىگەنلىرى ئۆزلۈك كارىدورىغا كىرەلەيدۇ.  ئەمما شۇ ماكان ۋە زامان چەكلىمىسىدىن ھالقىش ھەممە ئادەمنىڭ  قولىدىن كەلمەيدۇ.» 

 

 – «ھىچىكىم  تارىخقا  مۇھەكمەل  باھا  بىرەلەمدۇ، ئ‍ۆزىنىڭ تارىخنى بىلمگۇچىلەر ۋە  بىلىشكە  قىزىقمىغۇچىلار ۋاقىت ئ‍ۆتكەنسىرى باشقىلارنىڭ تارىخ ئ‍ۇستىدە چىقارغان ئ‍ەخمقانە يەكۈننىڭ قۇربانىغا ئ‍ايلىنىپ كىتىدۇ… »

 

-«ل . مۇتەللىپنىڭ ئوبرازىنى بۇنداق ئۇسۇلدا خونۈكلەشتۈرۈشكە ھەددىمىز ئەمەس ،قىسقىغىنا ھاياتىدا قالدۇرغان ئىزنالىرى، خەلق قەلبىدە قالدۇرغان ئوبرازى بولۇپمۇ  ھازىرقى زامان بالىلىرىغا تېپىلغۇسىز ئۈلگە. چۆچەكلەردىكى غايىۋىي شەخىسلەرنىڭ ئوبرارىمۇ زور تەربىۋىي ئەھمىيەت ئۈستىگە يارالغان. رىئالىتىمىزدىكى بۇنداق ۋەتەنپەرۋەر شەخىسنىڭ ئوبرازىغا داغ تەككۈزۈش ئۆزىمىزنىڭ يۈزىگە يۇندا سەپمەك بىلەن باراۋەر.»

 

– «ئەينى ۋاقىتتا گىتلىرنى داھى دەپ تۇنۇغان گىرمانىيە خەلقى كىيىن ئۇنى جىنايەتچى دەپ ئاتاشتى.»

 

– «تارخ بىزگە ئۇلارنى قەھرىمان، ۋەتەنۋەرۋەر سۈپىتىدە تەسۋرىلەپ بەردى. قىسقىغىنە ھاياتىنى ئوقۇش بىلەن  بىزمۇ ئۇلارنى قەھرىمان دەپ تونۇدۇق. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىر قانچە تال شېئىرى بىلەنلا ئۇ ئىنساننىڭ پۈتۈن ھاياتىنى قىزىل، سېرىق، كۆك دەپ كارتىلارغا توشتۇرىۋەتسەك بولماس  ….»   

 

– «مەن ئاددى كاللام بىلەن ئويلىسام بىر ئادەمنىڭ قانداق بۇلىشىغا ئوخشىمىغان ماكان ۋە زاماندا تۇرۇپ  ئۆزىمىزنىڭ كۆز قارىشى ۋە ئۆلچىمى بويىچە باھا بىرىش سولچىللىق.»

 

– « @● ئەلكۈن ●  توغرا دەيسىز… مەنمۇ سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە ھۆرمەت قىلمەن ھەم مەنمۇ ئۆز پىكىرىمدە تۇرىمەن…تەخىمنەن بۇندىن 12 يىل بۇرۇن بولسا كېرەك…مەن سىز دگەن بۇ گەپنى مەرھۇم ئابدۇللا تالىپ ئەپەندىمدىن سورىغان ئىدىم… ل.مۇتەللىپنىڭ ئاشۇ قىزىل مەزمۇندىكى بەر قانچە شېئىرىنى…مەرھۇممۇ ل.مۇتەللىپنىڭ يېقىن دوستى ھەم شاگىرتى ئىدى…ئۇ ئادەممۇ شۇنداق دىگەن…’ئۇ شېئىرلار ل.مۇتەللىپ ئەمدىلا قولىغا قەلەم ئالغاندا گۆدەك سەبى چاغلىرىدا ھاياجان بىلەن يېزىپ سالغان شېئىرلار…ل.مۇتەللىپ كىيىن ئاقسۇغا كەلگەن چاغلاردا ھەقىقىي ئويغانغان ھەم جىق ھەقىقەتلەرنى بىلگەن… ، شۇنداقلا ھەقىقىي بىر ۋەتەنپەرۋەر بولغان ئىدى…‹ دېگەن ئىدى…

 

– «ل.مۇتەللىپنىڭ ئەسىىرىگە قارىتا مىنىڭچە ياش چەكلىمىسىنى تىلغا ئىلىش ئارتۇقچە. چۈنكى بىز بىر شەخىسكە ئىلمىي نۇقتىدىن باھا بەرگەندە ئۇنىڭ يىشىغا قاراپ ئەسەرلىرىگە كەڭ قورساقلىق قىلالمايمىز.»

 

– «بىز ياراتقان تارىخى شەخىسلەرنىڭ بەزىللىرى دەۋىر ئىھتىياجى تەرىپىدىن قەستەن يارىتىلغان، بەزىللىرى جەمىيىتىمىزدىكى دىنى ۋە مىللىيەتچىلىك تۇيغۇلىرى تۈپەيلى كۆتۈرۈلگەن بولىشى مومكىن. بىر تارىخى شەخىسكە باھا بەرگەندە ئۇنۇڭ جەمىيەتتىكى نوپۇزىدىن تەرەپسىز ئورۇندا تۇرۇپ ئانالىز قىلىشىمىز كىرەك دەپ قارايمەن. پۈتۈن جەمىيەت قەھرىمان دەپ ئاتىغان كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتەن قەھرىمان بولىشى ناتايىن.»

 

……….

 

ئەلكۈن مۇنداق دەيدۇ:

 

ئىلگىركىلەرنىڭ بېسىپ ئۆتكەن يوللىرى تارىخ بولىدۇ، تارىخ كېيىنكىلەر ئۈچۈن يېزىلىدۇ، يېزىلغان تارىخنىڭ چىنلىقىغىمۇ كېيىنكىلەر باھا بېرىدۇ. سىز كىتاپنى ئايدىڭدا ئوقۇمسىز ياكى كۈندۇزىدىمۇ بۇ تەرپى ئانچە مۇھىم ئەمەس، بەلكى مۇھىم بولغىنى ئۇنىڭ چوڭقۇز مەنىللىرىنى ئوقۇپ چۈشۈنۈشدۇر. زامان ۋە ماكان ھىچ بىر ۋاقىت ئادەم مەيلىگە باققان ئەمەس. سىزنىڭ پىكىر قىلىشىڭىز سىز تۇردىغان ئورن بىلەن باغلىنىشلىق بولمايدۇ. سىز تاغنىڭ ئۈستىدە تۇرامسىز ياكى تۇۋىنىدە تۇرامسىز، پىكىرنى كاللىڭىزدا قىلىۋېرىسىز. ئ‍ۆز ئەجدادلىرىڭىزنىڭ ھايات مۇساپىسىنى ئ‍ۈگۇنۇش، چۈشۈنۇشتەك ئەقەللىي ئىمكانىڭىز سىزدە بار بولغان بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئادەملەرنىڭ ئۆز ئەقىل – ھۇشىنى ئۈنۈتقان ھالدا زاماننىڭ قۇلى بولىشى ھەم ئادىمىيلىككە ۋاجىپ ئەمەس! ئەزەلدىن بىر خەلىقنىڭ قەھىرمانلىرى مەلۇم زامان ۋە ماكان ئېھتىياجى تەرپىدىن يارتىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ۋاقىت ھەممىگە ئادىل جاۋاپ بەرگىنىدەك، شۇ زامان قەھىرمانلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈنىمىزدە داۋاملىق قەھىرمان بولىشى ناتايىن. 

 

تارىخ مەيلى قەلەم بىلەن، ئەلەم بىلەن ياكى قان بىلەن يېزىلسۇن، ئۇنىڭ ئىسمى تارىخ.  ئۇ ئۆتكەنلەرنىڭ ھاياتىغا تەۋە ئەمما بۈگۈنكىلەرنىڭ ئىلىم مەيدانىدا تۇرۇپ، بىتەرەپ مەۋقەدە ئىنسانلىق، ئىنساپلىق ۋە ھاكىمىيەتتىن مۇستەسنە ھالدا پىكىر يۈرگۇزۇش ھەققى بار.  بىر مىللەت قەۋمى ئۆز تارىخىي شەخسلىرى ھەققىدە جۈملىدىن ئۆزلىرىنىڭ قانداق بىر روھى مەپكۈرەگە تايىنىپ ياشاپ كەلگەنلىكى ھەققىدە يېرىم ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن پىكىر يۇرگۈزسە، ئەجدادلىرى بېسىپ ئۆتكەن يوللارنىڭ قانداق يوللار ئىكەنلىكى ئۈستىدە تەپپەكۈر قىلسا بۇنىڭ قەيىرى ناتوغرا؟!  خەلقىمىز شۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ بىزنى ياراتتى، بىزنىڭ قانداق يارىلىشىمىز ئۆزىمىزدىندۇر. مۇستەققىل ھالدا بىرەر تەبىقىنىڭ مەنپىئەتىدىن، سۇننىيلىكتىن خالى بولغان ئىلىمىي تەپەككۈر بۈگۈنكى نىمجان ئۇيغۇر قەۋمنىڭ تۇمانلىق يوللىرىغا چىراغ بولۇپ يانغۇسى.  

 

بۇ ھەقتە تالاي قېتىملاپ پىكىر يۈرگۈزسەكمۇ، كېچە – كۈندۇزلەپ مۇنازىرلەشسەك ئازلىق قىلىدۇ چۈنكى بىز بۇ يەردە تېخىچە مۇكەممە مىللى مەپكۈرەسىنى قۇرۇپ چىقىپ بولالمىغان بىر قەۋم – 21 – ئەسىردىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كېلىچىكى ھەققىدە باش قاتۇرۇپ تۇرۇپتىمىز. سوغۇققانلىق بىلەن ئۆتكەنكى مۇساپىمىزگە نەزەر تاشلاش، بۈگۈنىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىز ۋە ياشلىرىمىزغا ئىبرەت ۋە تەربىيە ئېڭىنى تۇرغۇزۇش پۇرسەتلەرنى يارتىش ئارقىلىق توغرا بولغان مىللىي مەپكۈرە نىشانىنى يبەرپا قىلىش، كەلگۇسىمىز ئۈچۈن ئۇمۇدۋار بولۇشتەك كۆپ قاتلاملىق مىللىي بۇرۇچلار بىزنى تەخىرسىزلىك نىلەن كۈتۈپ تۇرۇۋېپتۇ. 

 

شېئىر يازغانلا ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ شائىر بولالىشى ناتايىن ئەمما ئۆزىنى ھەر ۋاقىت ئىنسانىلق تارازىسىدا ئۆلچەپ تۇرالايدىغان، زامان زورلىرىغا يانتاياق بولـماي ھەققانىيەت، ئادالەتنى قەلەم، مۇھەببەت، مېھرىبانلىق، گۈزەل ئەخلاقنى سىياھ قىلىپ شېئىر يازالىغانلار ھەقىقى شائىر بولالايدۇ. ئۇلارنىڭ شېئىرلىرى قەغەزگە ئەمەس، خەلىق قەلبىگە مەڭگۈلۈك يېزىلغان بولىدۇ!

 

قىسقىسى يۇقۇردىكى پىكىرلەرنىڭ يۇرگۈزۈلىشىگە سەۋەپچى بولغان، مەن بۇ ھەقتە تارخىي مەنبەلەر ۋە دەلىللەر ئاساسىدا ئىزدىنىپ يېقىندا «بوزقىر مۇنبىرى» دە ئېلان قىلغان [ «زامان شائىرلىرى» ھەققىدە ئويلار ] ناملىق ماقالىنى تۆۋەندە بېرىلگەن  ئۇلۇنۇشتىن ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى تەۋىسىيە قىلمەن.

 

«زامان شائىرلىرى» ھەققىدە ئويلار http://www.azizisa.org/zaman_shairliri

 

 

مەنبە بوزقىر تورى مۇنبىرى: «زامان شائىرلىرى» ھەققىدە ئويلار

 

http://bbs.bozqir.com.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=7894

http://www.azizisa.org/zaman-shair_keyinki_oylar

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !